بېيجىڭنىڭ قارا قولى چەتئەللەرگىچە سوزۇلدى: مىسىردا ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىندى ۋە سۈرگۈن قىلىندى

ئاپتور: ئەمىلى فېڭ (Emily Feng )

خىتاي چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە سوراق قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتكە قاراتقان يەنە بىر رەزىل تەدبىرى ئىدى.

پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مىسىردا قولغا ئېلىنغان. بۇ ھەرىكەت ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي يەنە ئاز دېگەندە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەللەردە رادىكاللىشىپ كېتىش ئەندىشىسى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تۈركىيە بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى بولغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دىنىي ئىبادەتلىرىنى قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشش، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ۋە كىيىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋام قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىلھام بېرىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر ئۇلار بىر ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى.

ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن دەرھال قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان – كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى قولغا ئالغان. «پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى» ئالاقىلاشقان دوستلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇيرۇققا بويسۇنغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قايتىپ بارغان ھامانلا قولغا ئېلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىغان. 2015- يىلى 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن، مالايسىيا 2013- يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 28 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى ۋىليام نى(William Nee)نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي «ئىسلامنىڭ ئۆزى بىۋاستە كونترول قىلالمايدىغان بارلىق تەرەپلىرىنى باستۇرۇش»قا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. «مەيلى ئىسلام بولسۇن، مەيلى پىروتېستانت ياكى لىبېرال دېموكراتىيە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن كىرگەن ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتلەر دەپ قارىلىدۇ.»

بىر ئاماللارنى قىلىپ مىسىردىن ئايرىلغان پائالىيەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 150 تەك ئوقۇغۇچى ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ چاقىرىغا بويسۇنمىغانلار ئىكەن.

«مەن مەسئۇل خادىملاردىن بۇ ئىشنىڭ مىسىر بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ ئىشلارغا ۋە سىياسەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېدى بىر ئوقۇغۇچى، ئۇ ئىسكەندىرىيە ئايروپورتىدا قولغا ئېلىنغان ئونلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىدى. «خادىملار بىزگە سىلەر خىتايغا قايتۇرۇلىسىلەر ۋە ئۇ يەرگە بارغاندا تۈرمىگە كىرىسىلەر دېدى.»

تۆت كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويۇلغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردىن ئاز دېگەندە 22 نەپىرى خىتايغا قايتۇرىۋېتىلگەن. تۇتقۇندىن ئامان قالغان كىشىلەر بۇ دۆلەتتىن قاچقان.

خىتاي ۋە مىسىر ئاللىبۇرۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مىسىردا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە قولغا ئېلىش ئىشىنى كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا بېرىلگەن بىر ئىنكاس دەپ ئاتىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە: «شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، مىسىردىكى خىتاي پۇقرالىرى چوقۇم مىسىرنىڭ قانۇن – تۈزۈم ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئۆزىنىڭ تۇرۇش سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم.» دېدى.

مىسىر ۋە خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتتى. ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكياننى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان سۇۋەيش قانىلى خىتاينىڭ 900 مىليارد دوللارلىق بىر بەلۋاغ بىر يول ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا، خىتاي ئىزچىل مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى مەنبەسى بولۇپ كەلدى.

خىتاينىڭ قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان دۆلەتلەرگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شامىلى غەرب ئەللىرىگىچە كېڭەيگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆزى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇمۇ قايتىپ بارغان ھامان تۇتۇلغان ۋە كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ چەتئەللەردە بېسىمغا ئۇچرىماقتا – ئۆتكەن ھەپتە رىم ساقچىلىرى باش شىتابى ميۇنخېنغا جايلاشقان سۈرگۈندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسانى قولغا ئالغان. ئەينى ۋاقتتا، ئۇ ئۆز مىللىتى ئۇچراۋاتقان چەكلىمىلەر توغرىسىدا نوتۇق سۆزلەش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتاتتى.

د ئۇ ق بۇ قولغا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بار – يوقلۇقى ھەققىدە بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە «خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ غەربكە سىڭىپ كىرىشى»گە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

بىر ئىتالىيە ئەمەلدارى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ «ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى» ئۈچۈن مۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلار يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ كۈچەيدى. ئاپرېلدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى توغۇلغان بوۋاقلىرىغا مۇھەممەد قاتارلىق مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى قويۇشى چەكلەندى؛ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارغا ساقچىلارنىڭ خەلقئارالىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پاسپورتلىرىنى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى(Financial Times)