خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى زورلۇق بىلەن قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا

يەنە 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن 7- ئايدىكى قايتۇرۇلغانلار سانى 22 گە چىقتى، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تەخمىنەن 200 دەك كىشى خىتايغا سۈرگۈن قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتسا،  ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراش خەۋپى بار.

 1- ئىيۇل، مىسىر دائىرىلىرى بۇ دۆلەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىدى، تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولۇپ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم تۇڭگانلار ۋە خەنزۇ مۇسۇلمانلارمۇ بار ئىدى. 6- ئىيۇل، مىسىر دائىرىلىرى ئاز دېگەندە 12 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرغان بولۇپ، 11- ئىيۇلدىن 14- ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە 10 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى خىتايغا قايتۇرۇلغان. مىسىر ۋە خىتاي ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر ئاشكارىلىمىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىسىر دائىرىلىرى ھېلھەم 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. نۆۋەتتە، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار قاھىرەدىكى تورا تۈرمىسىگە قامالغان. ھازىرغا قەدەر، مىسىر ۋە خىتاي ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئاز دېگەندە تۆت قېتىم قاماقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن مىسىردا ئوقۇغان كەسپلىرى، پائالىيەت ۋە تۇرۇپ قېلىش مەقسىتى قاتارلىقلارنى سورىغان. ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالەتچىلىك قىلغان ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرغان، ئۇلارنىڭ تۈرمە سىرتىدىن كەلگەن سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويمىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23- ئىيۇل، تۆت نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى ئىككى نەپەر پۇقراچە كىيىنگەن مىسىر ساقچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ قېچىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى قولغا ئالماقچى بولغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نام – شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان كىشىلەردىن ئىگەللىشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار باستۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبلىك سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا ئۇچراپ كەلدى، بۇ قىلمىشلار خالىغانچە سىرت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قاماپ قويۇش، دىنىي ئەركىنلىكىگە، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ناۋادا قولغا ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مىسىر ھۆكۈمىتىگە شۇنداق چاقىرىق قىلىدۇكى:

  1. خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنى مىسىردىن خىتايغا سۈرگۈن قىلىش توختىتىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار قايتىپ بارسا ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرايدۇ.
  2. قاماقتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئاقلاش تەرتىپلىرىدىن ئۆتۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىشىگە، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەر قانداق قايتۇرۇش بۇيرۇقىغا جەڭ ئېلان قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم.
  3. قاماقتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇش مەسىلىسىگە قانۇنىي جەڭ ئېلان قىلىپ، قوغداشقا ئېرىشىشىگە، باشقا خورلۇقلارغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم. ئەگەر خورلاش قىلمىشلىرى يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار گەپ – سۆز بولۇنسا، دائىرىلەر چوقۇم ئومۇمىيۈزلۈك، ئادىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى لازىم.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكلاتى خىتايچە تورى

 2017- يىل 3- ئاۋغۇست