گۇماشتا توپلاش، قاماپ قويۇش، زورلۇق بىلەن دۆلىتىگە قايتۇرۇش: خىتاي قارا قولىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سوزدى

ۋاشىنگتون_ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ئەپەندىگە يېقىندا بىر ئوقۇغۇچىدىن تېلېفون كېلىدۇ. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۈرۈمچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئادىمى دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئانىسى ۋە سىڭلىسى ئارقىلىق ئۆزىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

«ئۇلار تېلېفوندا ئۇنىڭدىن يا قايتىپ كېلىشنى، يا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىلگەنلىرىڭنى بىزگە دوكلات قىلىسەن دېگەن.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا ئىلشات بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشتىن نەچچىنى ئاڭلىغان. كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان بولۇپ، شەكلى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقاردىكىگە ئوخشاش.

«ئۇ بالا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى، مەندىن قانداق قىلىشنى سورىدى. مەن ئۇ كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇشنى، يانفونىدىن ئۈندىدارنى چۈشۈرىۋېتىشنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى ئېېيتىم.» دېدى ئىلشات. «مەن ئۇلارغا بارلىق ئەھۋالنى FBI(فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى)غا مەلۇم قىلىشنى ئېيتتىم، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن ئىككىسى مەلۇم قىلدى، FBI خادىملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە باردى. مەن ئۇلاردىن دىئالوگلارنى خاتىرىلەپ قويۇپ، ھەممىسىنى FBI غا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.»

ئىلشاتنىڭ خاتىرىلىشىچە، بۇرۇندىن خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىمۇ بۇ خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن گۇماشتا توپلاشقا ئۇرۇنغان، لېكىن ھېچ قاچان بۇ يىلقىدەك بۇنداق ئېغىر ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىككى ئايدا ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئائىلىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالان.»

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولى بارغانسېرى ئۇزارماقتا.» دېدى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا. دولقۇن ئەيسا يېقىندا رىمدا ساقچىلار تەرىپىدىن ۋاقتلىق توختىتىپ قويۇلغان. ئەينى ۋاقتتا، ئۇ ئۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيە پارلامېنتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان.

7- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 11 ئەتراپىدا، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا يېرىم سائەتتەك ۋاقت قالغاندا، دولقۇن ئەيسا پارلامېنت بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كېلىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرىدۇ. «مەن مۇخبىرلار ئوخشايدۇ دەپتىمەن، لېكىن ئىتالىيە ساقچىلىرى ئىدى» دېدى ئۇ.

ساقچىلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ رەسىمى بار ئىدى، كىنىشكىلەرنى دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار دولقۇندىن ئۆزلىرى بىلەن بىللە مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇ ماشىنا بىلەن ئۈچ سائەتتىن كۆپ ۋاقتتا بارغىلى بولىدىغان بىر ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۈچ تۆت ساقچى كىچىك بىر ئۆيدە ئۇنى سورا ق قىلىدۇ.

«مەن ئۇلاردىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمىشقا مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورىدىم ۋە گېرمانىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇن شىكايەت قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.»

2003- يىلى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى دولقۇن ئەيسانى «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان. لېكىن، ھازىر خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تورىدا دولقۇن ئەيسا ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى يوق.

ئىككى سائەتلىك سوراق قىلىش، بارماق ئىزىنى ئېلىش، رەسىمگە تارتىش، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلاردىن كېيىن، ئىتالىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاندىن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

«مەن ئۇلارغا ئالاقىلاشقاننىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىنىڭ خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.» دېدى دولقۇن ئەپەندى. «ئۇلار بىز بىلىمىز، لېكىن بىز مۇشۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دېدى.»

ئۈچ يېرىم سائەتتىن كېيىن دولقۇن ئەپەندى قويۇپ بېرىلىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى ئىكىنچى كۈنلۈك پائالىيەتلىرىمۇ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

28- ئىيۇل، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ۋە خىتاي ساقچىلىرى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچى، ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى.» دېدى.

بۇندىن بۇرۇنمۇ دولقۇن ئەيسا بۇ خىل ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان. 2009- يىلى ئۇ كورىيە ئايرودرومىدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۆت كۈن تۇتۇپ قېلىنغان. 2016- يىلى ئۇنىڭ ھىندىستانغا بارىدىغان ئېلېكترونلۇق ۋىزىسى رەت قىلىنغان. خەلقئارا مۇخبىرلار ئىتتىپاقى دولقۇن ئەيسانى «مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنىڭ قۇربانى» دەپ ئاتىغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق بىر ئىشنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغان.

«ئىتالىيە بىر دېموكراتىك دۆلەت، بىر قانۇن دۆلىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت، بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مېنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى.» دېدى ئۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشاتنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نىسبەتەن بىخەتەر ئىكەن، چۈنكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، خىتاينىڭ ئويۇنلىرىغا كەلمەيدۇ.

«لېكىن ئاسىيادىكى بىر قىسىم دىكتاتور دۆلەتلەر، مىسىرغا ئوخشا ھەربىي ھۆكۈمەتتىكى دۆلەتلەر ناھايتى ئاسانلا خىتايغا سېتىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا بىر ئاز پۇل بېرىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشنى ۋە قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.» دېدى ئىلشات ئەپەندى.

2013- يىلىدىن بۇيان، مالايسىا دائىرىلىرى «تېررورىزم گۇمانى» بىلەن ئاز دېگەندە 28 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. 2015- يىلى تايلاند باشلىرىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن، قوللىرىغا كويزا سېلىنغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

بۇنداق ئىشلار يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ قېتىم مىسىر ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئالماقتا ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە.

ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەنگىلىيە «پۇل – مۇئامىلە ۋاقت گېزىتى»گە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى 5- ئايدىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلاردىن دەرھال خىتايغا قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى دائىم دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 6- ئىيۇل، مىسىر دائىرىلىرى ئاز دېگەندە خىتاي گراژدانلىقىدىكى 12 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قايتۇرىۋەتكەن. نۆۋەتتە تەخمىنەن 150 ئوقۇغۇچى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كەچتە ئۆز كارۋىتىدا ئۇخلاشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىلىشتىن قورقىدۇ. بۇ خىل ۋەھىمە مىسىردا بىر مەزگىل ياشىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگىچە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇندىن كېيىن قانۇنلۇق تۇرۇش ھۆججەتلىرى ئالالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دەلىللىشىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئاكتىپلىق بىلەن خىتايغا قايتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بارغان ھامان قولغا ئېلىنغان، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلەلمىگەن.

ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىر ئوقۇغچى قايتىپ كەتتى، مەن بۇنى بىلەتتىم، ئۇ قايتقاندىن كېيىن تەربىيەلەش سىنىپىغا ئەۋەتىلگەن، ئارقىدىن يوقاپ كەتكەن. يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ ئانىسى كۆپ قېتىم قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنپ، بەش ياكى ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتى يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇلار 18 ياشلىق ئابدۇرېشىت ۋە 21 ياشلىق ئەرافات بولۇپ، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن ئۆگىنىش سىنىپىغا ئەۋەتىلگەن. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى نامەلۇم.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا چەتئەلدە ئوقۇش، تۇرمۇش كەچۈرۈش شارائىتى بېرىلىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمىز. بىز بۇ قىلمىشلارنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز.» دېدى.

خىتاي ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مىسىردا قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

2017- يىل 3- ئاۋغۇست