تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

دائىش تەشكىلاتى كاتتىۋېشى ئەبۇبەكىر باغدادىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدىغان بىر بايانات چىقاردى.

ئەلۋەتتە بۇ تىياتىرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئوينالغان بىر ئويۇن.

ئاتالمىش ئەبۇبەكىر ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كىيىن يەنە قايتىپ كېتىدۇ ۋە رولغا چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنى نامزاتلىققا تاللىغان باشقا بىر دۆلەتتە ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

نەتىجىدە ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى، خىلاپەتنىڭ، ھەقىقى جىھادنىڭ ئوبرازىنى، ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازىنى ۋە يەنە نۇرغۇن ئوبرازلارنى سەت كۆرسىتىدىغان يېڭى بىر تىياتىر باشلىنىدۇ.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

دائىش ئۆز سېپىدىكى يۈزلىگەن ياشلارنى ۋە دائىشنى ئىنكار قىلغان مىڭلىغان كىشىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ۋە قۇرئان يادلاش مەدرىسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھۇجۇم ئوبېيكتىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى!!!

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

مۇسۇلمان ياشلىرى دائىشقا قېتىلغان دېگەن گۇمانلار بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلانغاندىن كىيىن ئاخىرلاشتى!!!

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

ئىراقتىكى سۈننىيلەرنىڭ شىئە مەجۇسىيلارغا قارشى جىھادىنى ۋەيران قىلىپ، مۇسۇلنى ۋە سۈننىيلەرگە تەۋە رايونلارنى راپىزىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ۋە ئىراقتىكى يۈز مىڭلىغان سۈننىيلەرنى يۇرتلىرىدىن ئايرىپ سەرگەردان قىلغاندىن كىيىن ئاخىرلاشتى؛ نەتىجىدە ئۇ سەرگەردانلارنى قاغجىراپ كەتكەن، مەرەز ئىران مەجۇسىيلىرىنىڭ قەتلى قىلىشىغا تاپشۇرغاندىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

غەربتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى پاراكەندە قىلىپ، كاپىرلار ئۇلارنى ئوق بىلەن ئېتىپ، كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، ماشىنا بىلەن ئېزىپ ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ھالغا كەلگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار توپىغا قورقۇنچ سالغاندىن كېيىن، دائىشتىن بەكرەك ئىھتىيات قىلغان ئالىملار، ئىسلاھاتچىلار ۋە دەۋەتچىلەرنى ئەيىبلىگەندىن كىيىن، ئۇلارنى قۇرۇق نەزەرىيەچىلەر دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

سۈرىيەدىكى سۈننىيلەرنىڭ نىجىس نۇسەيرىلەر ۋە مەجۇسى قۇراللىقلارغا قارشى جىھادىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى، ئۇلار دەمەشق ئەھلىنى ئەسلىدىكى باھارىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن بەششارنىڭ دەمەشىقتىكى قەسرىگە ئازلا قالغان ئىدى. 

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

ھەر قايسى غەرب دۆلەتلىرىدە ھىجابنىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

مۇسۇل كۈتۈپخانىسىغا ئوت قۇيۇپ، ئۇنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى. كۇتۇپخانىدا مىڭلىغان قول يازمىلار بار ئىدى.

نۇرغۇن... نۇرغۇن .... ئىشلاردىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

ئاخىردا مەجۇسى ۋە يەھۇدى ئاخباراتى پۈتكۈل ئىراقنى مەجۇسىلارغا مۇۋپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇپ بەردى، ئەبادى دائىشنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ۋە يىلتىزىدىن يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى...

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

لېكىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا يامانلىق قىلىدىغان ھەر بىر ئىشقا قارشى ۋە ئىسلامنى يىقىتىش ئۈچۈن ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان ھەر بىر كىشىگە قارشى ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشمىدى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

مۇسۇلمانلارنىڭ مال مۈلكى دائىشقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈش باھانىسى بىلەن بۆلىۋېلىنغاندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

دائىش ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان نادان كىشىلەر ياكى مۇناپىق ۋە پۇرسەتپەرەسلەر ھەر قانچە بىلجىرلىسىمۇ لېكىن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دائىشنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئىشەنچىسى ئاشتى.

تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئورنىدىكى شەرئىي جىھادنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە ئالىملارنىڭ ئوبرازى ھەر قانچە سەتلەشتۈرۈلسۇن، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئۈممەتنىڭ رەھبىرى ۋە يېتەكچىسى ئىكەنلىكى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە بەرپاچىسى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە چۈشەنچە ئاشتى.

ئاخىردا دەيدىغىنىم .... تىياتىر ئاخىرلاشتى!!!

لېكىن دائىشنىڭ مەجۇسىي ۋە مۇناپىقلارنىڭ قارىشىدىكى مۇۋاپىقىيتىنىڭ تەجرىبىسى (يەنى يەھۇدى ۋە مەجۇسىيلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنى خار قىلىش، ئىسلام نامى بىلەن ئۇلارغا قورقۇنچ سېلىشتىكى مۇۋەپىقىيىتىنىڭ تەجرىبىسى ) ئېھتىياج بولغاندا يەنە كىلونلىنىشى مۇمكىن.

ئاللاھ بىزگە يىتەرلىكتۇر، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى كېپىل بولغۇچى.

ئاللاھ بىزگە يىتەرلىكتۇر، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى كېپىل بولغۇچى.

ئاللاھ بىزگە يىتەرلىكتۇر، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى كېپىل بولغۇچى.

 

ئاپتور:

ئېھسان فەقىھ

ئىئوردانىيەلىك ئايال يازغۇچى