ئىسلام ئۈممىتىگە جىددىي ئىلتىجا

مىسىردىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنىڭ نىداسى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم !

بىز ئۇيغۇر دىيارىدىن، مىسىر دىيارىغا ئىلىم تەلەپ قىلغىلى چىققان، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارمىز.

مانا مۇشۇنىڭدىن دەل بىر ئاي بورۇن، مىسىرغا ئوقۇشقا چىققانلىق سەۋەبىدىن مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆرگەن يەردە گۇناھىسىز ھالدا ئايرىپ ئىلغانماستىن بۇلاڭچى تۇتۇلغاندەك تۇتۇلدۇق.

مانا ھازىر بۇ ۋەقە يۇزبەرگىلى دەل بىر ئاي بولدى، ھازىرغىچە توتۇلغانلار سولاقتا، توتۇلمىغانلار ئېغىر خەۋپ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بۇ جەرياندا بەزى مىسىرلىق قېرىنداشلارنىڭ غەمخورلىقىغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، يەنە بەزىدە ئىللەت چاپلاشقان ئۆي ئىگىلىرى ۋە ئىشىككە قارايدىغانلارنىڭ قاقتى - سوقتى قىلىشىغا، توتۇلغان بالىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ سەرەمجان پۇل ماللىرىنى ئىگەللىۋىپ، ساقچى چاقىرىمەن دەپ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىدۇق.

ئەمدى مەقسەت كەلسەك. تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بۇ بىچارىلەر ھازىرغا قەدەر ئۆتكۈزگەن جىنايىتى پالانى دەپ   جازالانمىدى ياكى بۇلار گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلمىدى، ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقى ئالەمگە يەتكۈزدىغان نە دۆلەت؟ نە جەمئىيەت؟ نە شەخىس چىقمىدى؟

تۈرمە ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا  بالىسىنى ئوقۇتقىلى چىققان 75 ياش چامىسىدىكى چوڭ دادىلىرىمىز  ۋە يېڭىدا توي قىلغان يىگىتلىرىمىز، بالىلىرى توغۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. تۈرمە سىرتىدە بولسا ئېرىم قاچان چىقاركىن دەپ مىنۇتتا بىر تېلېفۇنغا قاراپ خەۋەر كۈتۈۋاتقان، ئېرىم تويۇقسىز كىرىپ قالارمىكىن دەپ، ھەمىشە ئىشىككە قاراپ ئولتۇرۋاتقان ئاياللار، ئېغىزىدا دادىڭىز ئەتە كىلىدۇ بالام دەپ بالىلىرىنى بەزلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا يۈرەكلىرى ھەسرەتتىن قان تامچىلىۋاتقان ئانىلار نېمە دىيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى بىلەلـمەي ئولتۇرۋاتىدۇ!

بىز بارچە مۇسۇلمان كىشىلەردىن ئىمانى بىلەن، غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقى بىلەن ياردەم قىلىشنى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قويۇپ بىرىلگۈچە، مەخسۇس ئورۇن بىرىپ  كۈچ چىقىرىشىڭلارنى سورايمىز!

خۇسۇسى ھالدا: ئېلىم ئەھلىلىرىدىن بىز توغۇرلۇق سۆزلەپ، ھەقنى يەتكۈزۈپ مەجبۇرىتىنى ئادا قىلالمىغان بولساڭلارمۇ، بەلكى  ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى زىممىڭلارنى ئاقلاپ، ئىسلام ئۈممىتىڭنىڭ بېشى بۇلۇش سۈپىتىڭلار  بىلەن، كەلگۈسىدىكى ئەھلى ئۆلىمالىرىنىڭ قوتۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇشىڭلارنى سورايمىز! ئەي ئۆلىمالار شۇنى بىلىڭلاركى،  بەلكى بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىدىغان كۆۋرۈكىڭلارياكى دەۋزاخقا كىرىشلىرىڭلارغا سەۋەپ  بولىشىمىز مۇمكىن! ئىنشائاللاھ  بىز بۇ سىناقلاردىن ساق - سالامەت ئۆتۈپ كېتىمىز، ۋە سىلەرنىڭمۇ بۇ سىناقلاردىن ئۆتۈشۈڭلارغا تىلەكداشمىز.

سىلەر كىچىلىرى دۇئايىڭلاردا بىزلەرنى ياد ئەتسەڭلار، كۈندۈزلىرى خەلق ئالەمگە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھەققىمىزدە دۇئا قىلىپ قۇتلىشىمىزغا ھەركەت قىلىشقا سەۋەپ بولغايسىلەر!

ئاخىردا دەيدىغىنىم،   دىن يولدا قۇربانلىق بوپكېتىپ باغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتمىسۇن ، قۇتۇلۇپ قاغانلا، قوساق غېمى بىلەن  ئوقۇغانلىرنى يەپ بولمىسۇن...  خۇلاسە كالام،   دىن ئوقۇۋاتقانلانى تاشلاپ قويمايلى! ئاللا ھەممىڭلادىن رازى بولسون...

ھۆرمەت بىلەن:  مىسىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى