ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاچانغىچە پاناھگاھ بولالايدۇ؟

فوربېس | 16-08-2017

داۋىد خۇت (David Hutt )

خىتايدىكى مۇسۇلمان ئۆكتىچىلەر ياۋروپادا قوغدالماقتا، لېكىن بۇ قانچىلىك دۋاملىشىدۇ؟

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا سۆز قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى، ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالدى ۋە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بەردى. دولقۇن ئەيسا بېيجىڭ تەرىپىدىن تېررورچى دەپ قارالغان، لېكىن 2006- يىلى ئۇ گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ميۇنخېنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى. د ئۇ ق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە» ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭ كۆپىنچە ئەزالىرى خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى خالايدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئىتالىيە پارلامېنتىدا قىزغىن تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولدى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تىنچىتىش ھەققىدە بېسىم چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ بىر قسىمى ياۋروپادا سۈرگەندە ياشاۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرام مەسئۇلى پېتېر ئىرۋىن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ھەتتا ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە (ياۋرپا ھۆكۈمەتلىرىنى ئېشىپ چۈشكىدەك) زور كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۆلۈنمىگەن لېكىن بارۋەرمۇ ئەمەس

فارۇخ دىلشات 2011- يىلى نويابېردا شىۋېتسىيە تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. ئىككى ئايدىن كېيىن، ستوكھولىم يەنە ئادىلە ئۆمەرنى قايتۇرىۋەتتى. د ئۇ ق نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مۇختار تىلىۋالدى 2006- يىلى گېرمانىيەدىن قايتۇرىۋېتىلگەن ۋە خىتايغا يېتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يوقاپ كەتكەن. بۇرھان زۇنۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق بۇ خىل تەقدىردىن قۇتۇلغان. ئۇنىڭ گېرمانىيەدە، ئارقىدىن نورۋېگىيەدە پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان. 2005- يىلى دېكابېردا، ئۇ دانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە قايتۇرۇلۇشتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇ «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇلۇشىدىن قورقۇدىغانلىقى»نى بىلدۈرىدۇ، دېدى ئىرۋىن.

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ۋە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان - ت)دا ياشايدىغان بولۇپ، نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ دەپ قارىلىدۇ. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن توقۇنۇشتى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئاستا – ئاستا باش كۆتۈردى. لېكىن تايانچسىز شارائىتتا بۆلۈنۈپ كەتتى ۋە ھەر قايسى گوروھلار دىن ۋە زورلۇق كۈچىنىڭ رولى ھەققىدە ئىختىلاپقا چۈشتى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جىھادقا چاقىرتتى ۋە ئەزالىرىنى دائىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى؛ د ۇ ق غا ئوخشاش باشقا تەشكىلاتلار، زورلۇق كۈچى ئىشلەتمىگەن دېموكراتىيە ۋە كۆپ خىللىق يولىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ئانچە يوشۇرۇن بولمىغان قولى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئاپرېلدا، دولقۇن نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرىگە قاتنىشىشتىن توسۇپ قېلىنغان. ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەگە كىرىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىغا كىرمىگەن بولسا جەنۇبىي كورىيە ئۇنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىشقا تاس قالغان ئىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ­_ كامبودژا، تايلاند، يېقىندا بولسا مىسىر، باشقىلىرىنىڭ نامىنى دېمەي تۇرايلى _ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

دۇنيا ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئورگىنى بولغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى(ئىنتېرپول)مۇ خىتايغا تىز پۈكۈش بىلەن ئەيىبلەندى. نويابېردا، خىتاي سىياسەتچى ۋە مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي ئىنتېرپولنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئەينى ۋاقتتا نيۇيورك ۋاقت گېزىتى مۇنداق دېگەن ئىدى: «رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ "قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇشى"دىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى ئارقىلىق سىياسىي دۈشمەنلىرىنى قوغلاپ تۇتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.» دولقۇننىڭ ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنىشىغا خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان «قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش» سەۋەب بولغان دەپ قارالماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جەننەتمۇ؟

ياۋروپا ئىتتىپاقى قانداقلا بولمىسۇن ب د ت ۋە  ئىنتېرپولنىڭ مەسىلىلىرىگە شىرىك بولمايدۇ، چۈنكى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي بۇ بىرلىكنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەس، گەرچە ئاساسلىق سودا شېرىكى بولسىمۇ. ئەمەلىيەتتە، ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوغداشتەك ئۇزۇن تارىخى بار. ميۇنخېن 1999- يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلغان: 2004- يىلى گېرمانىيەدە ئېچىلغان يەنە بىر يىغىننىڭ ئارقىسىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى.

2001- يىلى ئۆكتەبېردە، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. گاردنېر بوۋىڭدون(Gardner Bovingdon) ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇلار: ئۆز ۋەتىنىدىكى سەرگەردانلار» ناملىق كىتىابىدا مۇنداق يازىدۇ: «بېيجىڭ بريۇسسېلنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم چۈشۈرۈپ (باياناتچىغا) رەت قىلغۇدەك بوشلۇق قالدۇرماسلىققا ئۇرۇندى.» خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەتتا بۇنىڭ «ياۋروپا – خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدىغانلىقىنى» ئاگاھلاندۇردى. بېيجىڭنىڭ تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دەپ يازىدۇ بوۋىڭدون، خىتاي يولىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى قايىل قىلارلىق بىر پىكىر ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، قانداقلا بولمىسۇن، بېيجىڭنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئائىت يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەممىدىن يامان بولغىنى دولقۇننىڭ ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنىشى دەپ قارايدۇ پائالىيەتچىلەر. «ئەگەر ئايرىم (ياۋروپا ئىتتىپاقى) دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تەسىرىگە بويۇن ئېگىشكە باشلىسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىمۇ ئاستا – ئاستا چېچىلىدۇ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن پىرىنسىپلارمۇ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.» دېدى ئىرۋىن.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە تېئولوگېيە ئىنستېتۇتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى ئاردىئان زېنز، ئىتالىيەدىكى قولغا ئېلىش ۋەقەسى يېقنى ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ مىسىردىن سۈرگۈن قىلىنىش ۋەقەسىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئىتالىيەدە، خىتاي ئارىدا ۋاستە _ ئىنتېرپول _ قوللانغان، مىسىردا بولسا «ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە بېسىمى»غا دائىر دەلىل – ئسىپاتلار بار، دېدى. ھېلھەم بەزى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ۋىنگېرىيەگە ئوخشاش «بارغانسىرى خىتاينىڭ چىرايىغا قاراۋاتقان» دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ ئۆكتچىلەر ھەققدىكى تەلەپلىرىگى تېخىمۇ ئاسان ماقۇل كېلىشى مۇمكىن. ۋىنگېرىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بېيجىڭ پىلانلاۋاتقان «يېڭى يىپەك يولى» دەپمۇ بىلىنگەن بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىدىكى ھالقىلىق دۆلەتلەردۇر. ئەڭ مۇھىمى، بىر بەلۋاغ بىر يولنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانى «مۇكاپاتلاش ئارقىلىق نوپۇز تىكلەشتۇر» دېدى زېنز.

بىر بەلۋاغ بىر يولمۇ شىنجاڭدا يېقىندا بولۇپ ئۆتكەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۆتكەن يىلى، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ يېڭى سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى. زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇ نۆۋەتتە ئۆكتىچىلەرنى تىنچىتىشتا تىبەتتە قىلغانلىرىدىن «ھالقىپ كەتكەن». ھەقىقەتەن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بۇ كىشى ئارقىلىق يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى رايوننى زورلۇق بىلەن تىنچىتالىدى، دېدى ئۇ.

زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىشنى تىزلەشتۈرۈشتىكى ئىھتىياج بولسا، بىر بەلۋاغ بىر يول شىنجاڭنى خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئېچىلىشىدىكى دەرۋازىغا ئايلاندۇرىدۇ، لېكىن مۇقىمسزىلىق ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ رايون تەرتىپ بويىچە پاكىستان، ئافغانىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، رۇسىيە ۋە مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 60 مىليارد دوللارلىق خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى مىسالغا ئالساق، شىنجاڭنى پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزى بويىدىكى گۋادار پورتىغا تۇتاشتۇرۇش پىلانلانغان.

يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە كۇلتۇرىنىڭ ئاساسلىق نەمۇنىلىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان "تەرەققىيات" ئۇقۇمى (سەۋەبلىك) بۇزۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.» دېيىلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن بېسىم چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.