تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان

ئابدۇللاھ ھەكىم

 شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئۇيغۇر تۈركىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

PDF فورماتىدا كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرىمىز ھۆرمەتلىك مەلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايغا ئېلىپ بارغان رەسمى زىيارىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسى يەنە بىر قەدەم كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، بۇ تېما ھازىرغا قەدەر مۇنازىرە ۋە دەتالاش قىلىنماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان  باياناتلىرى ۋە تۈركىستان ھەققىدىكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆز ۋە بايانلىرى تۈركىيەدە ياشىغان ۋە تۈرك گراژدانى بولغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى.

خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك زىيارەت جەريانىدا ئەدەب - يۇسۇنغا ئۇيغۇن سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنى رازى قىلىشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تەڭمۇ - تەڭلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ  بېرىلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

زىيارەت ۋە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئورتاق بىر نۇقتا ۋە تەڭپۇڭلۇق بولىشى، مۇزاكىرە، سۆھبەت ۋە مۇئامىلىلەردە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى سىياسى تېمىلاردا بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ بېيجىڭدىكى نۇتىقىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرقانداق پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرك، تۈركىيە ۋە تۈركچە ئىسىم بىلەن تۈرك بايرىقىنى چەكلىمەكتە. ئەگەر بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن مەقسەت، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىق بولىدىغان بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرك خەلقىگە، تۈرك بايرىقىغا ئوخشاش شەكىلدە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

چۈنكى، تۈركىيەدە يۈزلەرچە خىتاي شىركەتلىرى بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئالدىدىكى بايراق مومىلىرىدا بەش يۇلتۇزلۇق خىتاي بايرىقى لەپىلدىمەكتە. مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىدىكى بايراق مومىلىرىدىمۇ خىتاي بايراقلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىمۋولى بولغان خىتاي بايرىقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىلىۋاتسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن كوچىلارغا ۋە ئۆينىڭ ئىچىگە تۈرك بايرىقى ئېسىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەقەت تۈركىيىگە بولغان سۆيگىسىنى ئىزھار قىلىشى ياكى ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىزنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان مايكا ۋە كۆڭلەكلەرنى كىيىشىمۇ جىنايەت ھېساپلىنىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك مايكىلارنىڭ ئۈستىگە تۈرك، تۈركىيە، ئىستانبۇل دېگەنگە ئوخشاش تۈركىيەنى ئەسلىتىدىغان خەتلەر يېزىلىشىمۇ چەكلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە تۈركىيە ۋە تۈركلۈكنى خاتىرلىتىدىغان تۈركىزات، تۈركمەن دېگەنگە ئوخشاش كىشى ئىسىملىرىمۇ چەكلەنگەن ئىسىملار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.   كومۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرك، تۈركىيە، ئىستانبۇل دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملەردىن ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بىئارام بولماقتا. بۇ ئەھۋال تۈرك ۋە تۈركىيە دۈشمەنلىكىنىڭ ئۇچۇق نامايەندىسىدۇر.

تۈرك بايرىقى بىلەن تۈركىيە ۋە تۈركلۈكنى خاتىرلىتىدىغان بۇ خەتلەر بېسىلغان كىيىملەرنى كىيگەن، كوچىلارغا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىسكەنجىگە، ئېغىر جازالارغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىگە ۋە تۈرك بايرىقىغا بولغان سۆيگۈسى سەۋەبىدىن تېلېفۇنلىرىدا ساقلىغان تۈرك بايرىقى رەسىملىرى ئۇلارنىڭ جىنايەتچى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشىغا ۋە مىڭلارچە ياشنىڭ تۈرمىگە كىرىشىگە سەۋەپ بولماقتا.

كۈنىمىزدە تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان پۈتۈن ئۇيغۇرلار تۈرمىلەردە ياتماقتا. ئاخىرقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىشىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى 11- ئايدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنماقتا، تەربىيە مەركىزى دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە ھەر بىرى بىردىن زۇلۇم- ئىسەكەنجە يىرى ۋە تۈرمە ھېسابلىنىدىغان ئورۇنلارغا تاشلانماقتا، جىنايەتچى مۇئامىلىسى كۆرمەكتە.

تۈركىيىگە نېمە ئۈچۈن ۋە نېمە مەقسەتتە بارغانلىقى، تۈركىيە ساياھىتى جەريانىدا قەيەرلەرگە بارغانلىقى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، قايسى تېمىلاردا پاراڭلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە زورلانماقتا.

مەزكۇر تەربىيە ئۇرۇنلىرىغان سولانغان كىشىلەر ئائىلىسى، ئۇرۇغ- تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش چەكلەنمەكتە. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيىگە كەلگەن زەيتىنبۇرنىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ بىر مۇددەت تۇرغاندىن كىيىن پىكىرى ئۆزگىرىپ ئۆيىنى سېتىپ شەرقىي تۈركىستانغا قايتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭ 6 ياشتىكى ئوغلى بىر ھەپتىدىن كىيىن قۇيۇپ بېرىلىپ يېقىنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن. 15 ياشتىكى قىزى بولسا تېخى 3- ئايدا قۇيۇپ بىرىلگەن. ئەر- ئايال ھازىرغا قەدەر تەربىيە مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

 

شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ماللىرىنى سېتىش چەكلەنمەكتە

 

شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ھەۋەس، رەڭ، بەدەن ئۆلچىمى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى ۋە ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە سۆيگۈسى سەۋەبىدىن ئاخىرقى يىللاردا تۈرك ماللىرىغا قارىتا تۈركىستان خەلقنىڭ قىزىقىش نىسبىتى ئىنتايىن زورايماقتا، سېتىلىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلماقتا ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى بەك بىئارام بولغان خىتاي ھاكىمىيىتى تۈرك ماللىرىنى ساتقان دۇكانلارغا بېسىپ كىرىپ تۈرك ماللىرىنى دۇكاندىن دەرھال ئېلىۋېتىش، بولمىسا دۇكان ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن تەھدىت سالماقتا. خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا مال ساتىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى ساتماي تۈرك ماللىرىنى ساتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سوراققا تارتىلماقتا. تۈركىيەدىن رەسمى يوللار ئارقىلىق، خىتاي ھاۋا يوللىرى تېز يوللانمىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا تۇشۇلغان، خىتاينىڭ تاموژنىلىرىدىن رەسمىيەت ۋە باجلىرىنى تۈلەپ ئەكىرگەن تۈرك ماللىرى يېغىۋېىلىنماقتا. كۆپ ساندىكى دۇكانلار تۈرك مېلىنى ساتقانلىقى ئۈچۈن تاقىلىپ ۋەيران قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سەھنىدە تۈركىيەنى سىتراتېگىيلىك ۋە تارىخى دوست، «بىر يول بىر بەلۋاغ» ناملىق خىتاي پىلان لاھىيەسىنىڭ شېرىكى دەپ داۋراڭ سالسىمۇ ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىنى كۆرسەتمەكتە. دېمەك، خىتاي تۈركىيەنىڭ ھەممە نەرسىسىگە ئوپ- ئوچۇق دۈشمەنلىك قىلماقتا.

چاۋۇشئوغلىنىڭ «خىتاينىڭ ئامانلىقى بىزنىڭ ئامانلىقىمىزدۇر» دېگەن سۆزى بىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلدى. تۈرك دۆلىتى تارىختا مىڭلارچە يىل بۇرن قۇرۇلغان دۆلەتلىرىنىڭ مىراسخورى بولۇپ، قەدىمى بىر تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ۋە شانۇ - شەۋكەتلىك بىر دۆلەتتۇر.

بىز تۈركلەرنىڭ يىگانە بىر دۆلىتىمىزدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىمىز مىڭلارچە يىللىق دۆلەت ئەنئەنىسى بولغان ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر دۆلەتتۇر. تۈرك ۋە تۈركىيە سۆزلىرى بىلەن تۈرك بايرىقىنىڭ رەسىمىنىمۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈشكىمۇ رازىلىقى يوق خىتاي ھۆكۈمىتىگە «سېنىڭ ئامانلىقىڭ مىنىڭ ئامانلىقمدۇر» (سېنىڭ تۇپراق پۈتۈنلىكىڭنى  قوغدايمەن ) دېگەن سۆزلىرى بىزنى ناھايىتى بەك بىئارام قىلىش بىلەن بىرگە يۈرۈكىمىزنى جاراھەتلەندۈردى.

بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ گەپلەر مېنىڭ  قەلبىمگە زەھەرلىك خەنجەرگە ئوخشاش سانجىلدى. تۈرك دۆلىتىنىڭ  ئېتىبارىنى دۇنيادا ۋە خىتايدا قوغداش مەجبۇرىيىتى بولغان ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇ باياناتلىرى پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ۋە يامان نىيەتلىك سۆز ئويۇنلىرى ئالدىدا ناھايىتى ئاجىز قالدى دەپ قارايمەن.

 

شەرقىي تۈركىستان ھەرگىز خىتاي تۇپرىقى ئەمەس

 

شەرقىي تۈركىستان 1949- يىلغا قەدەر ھۆر ۋە مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ يالتا يەغىنىدا سوۋىت دىكتاتۇرى ستالىننىڭ خىيانىتى، غەربلىك ھاكىم كۈچلەرنىڭ پەرۋاسىزلىقى ۋە تارىخى بىر خاتالىق دەپ ئەسلىنىۋاتقان مەۋقەسى سەۋەبىدىن خىتاي مۇستەملىكىسىگە تاشلاپ قۇيۇلغان شەرقىي تۈركىستان تارىخنىڭ ھېچقانداق بىر دەۋرىدە ياكى ھېچبىر زامان خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ باقمىغان. بۇ ھەقىقەتنى خىتايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئەھۋال مۇنداق ئىكەن، بۇ ئەھۋالنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز چاۋۇشئوغلىمۇ ئەلۋەتتە بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەمەس، بەلكى تۈركلەرنىڭ تارىخى زېمىنىدۇر. مىڭلارچە يىل ئىلگىرىكى تارىخلارغا تۇتاشقان تۈرك مەدەنىيىتى مۇشۇ تۇپراقلاردا ۋۇجۇتقا چىققان، تۈرك جۇغراپىيىسى ۋە باشقا دۇنياغا مۇشۇ تۇپراقتىن تارقالغان.

كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ۋە مۇشۇ تۇپراقلارنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبەگ، سالارقاتارلىق تۈركى مىللەتلەر خىتايلارغا قەتئىي ئوخشىمايمىز. دىنىمىز، تىلىمىز، ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەنئەنىمىز پۈتۈنلەي باشقىدۇر.

خىتايلار بىزگە، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشىمايمىز. ئوخشايدىغان بىرلا تەرىپىمىز بولسا ئىنسان بولۇپ يارىتىلغانلىقىمىزدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانىيلىقىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز، ئەنئەنىمىز، ئۆرپ - ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، چۈشەنچە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا قەتئىي ئوخشىمايمىز. ئاللاھ تائالا بىزنى (ئىنسان بولۇپ يارىتىلىشتىن باشقا) ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ياراتقاندۇر.

شەرقىي تۈركىستان بۇنىڭدىن 68 يىل بۇرۇن خىتاي تەرىپىدىن ئەسكىرى كۈچ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، بۇنى كۆرمەس ياكى بىلمەس بولۇۋېلىش قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدىغان بىر مەۋقەدۇر. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بىزگە ئۈمىت بېرىدىغان: «بىز ھەر دائىم مەزلۇمنىڭ يېنىدا» دېگەن سۆزىدۇر. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ دائىم دەيدىغان بۇ سۆزى مەزلۇم ۋە بىچارە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئۈمىد  ۋە تەسەللى مەنبەسى بولغاندۇر. چۈنكى، دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشا مەزلۇم ۋە بىچارە ئىككىنچى بىر مىللەت يوقتۇر. خىتاي كۈچلۈك بولىشى ۋە پۈتۈن دۇنياغا قولى يېتىشى مۇمكىن، لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرگىز ھەقلىق ئەمەستۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرى ئەلۋەتتە ھەممە نەرسىدىن مۇھىم ۋە ئۈستۈندۈر. بىز تۈرك گراژدانى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىئەسى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن قېنىمىز ۋە جېنىمىزنى پىدا قىلىشتىن ھەرگىز باش تارتمايمىز. ئۇلۇغ دۆلىتىمىزنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھازىر ۋە نازىر ھالدا تۇرىمىز.

لېكىن، ئانا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىۋاتقان زۇلۇم، ئىسكەنجە، ئاسسىمىلياتسىيە، دىنى، مىللى ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ تۇرالمايمىز. بولۇپمۇ ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىش، بۇرمىلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي قۇبۇل قىلالمايمىز. بۇنى كۆرمەسكە سېلىش، ئاڭلىماسلىق، يۈز ئۆرۈشكە ئىتقادىمىز، ئۆرپ - ئادىتىمىزغا، ۋىجدانىمىز، ئىنسانلىقىمىز ۋە ئىمانىمز ھەرگىز يول قويمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش، (زۇلۇمغا قارشى زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرۇش زالىم بىلەن ئورتاق بولۇشتۇر) دېگەن ھەدىس شەرىپكە، ئىتقادىمىزغا پۈتۈنلەي زىت بىر ئىش بولۇش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاندا كۈرەش قىلىۋاتقان خەلققە ئاھانەت ۋە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار، خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ خىتاي بۇ كۆۋرۈكنى ۋەيران قىلدى. 1990- يىللاردا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى بۆلەنت ئەجەۋىد  تۈركىيەدە رەسمى زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ئالدىدا سۆزلىگەن بىر نۇتىقىدا «ئۇيغۇر تۈركلىرى خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە بىر كۆۋرۈك رولىنى ئوينايدۇ» دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. بىر ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەجەۋىدنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىنتايىن  خۇرسەن بولغان ئىدىم.

بۇ گەپكە قارىغاندا بۇ كۆۋرۈكنىڭ بىر بېشى تۈركىيە يەنە بىر بېشى شەرقىي تۈركىستان ئىدى. تۈركلەر بۇ جۇغراپىيىگە كەلگەنلىرىدىن باشلاپ بۇ كۆۋرۈكتىن كۆپ قېتىم ئۆتكەن ئىدى. لېكىن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇ تىنچلىق كۆۋرۈكىنى تامامەن يېقىپ تاشلىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى داۋاسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كىلىش ئارزۇسى بەربات بولدى.

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ مەسىلە ھەل بولماي، بېسىم، زۇلۇم، ئاسسىملاتىسيە ۋە قىرغىنچىلىق توختىماي تۇرۇپ خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ھەقىقىي تۈزۈلۈشىنىڭ  مۇمكىن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈرك مىللىتىنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى خىتاي ئېلىپ بارغان زۇلۇم، ئىشكەنجە ۋە ھەقسىزلىقلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر پەيتتە ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئەكەلمەسلىكى ۋە بۇ مەسىلىلەرگە پەقەت كۆڭۈل بىلمەسلىكىنى شەرقىي تۈركىستانلىق بىر تۈرك گراژدانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا تاپمىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.

 

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار

 

خىتاي پۇرسەت تاپسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرگە كېلىپ تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. خىتاينىڭ چىگرالىرىدىن بىر دانا قۇشقاچنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغان خىتاينىڭ  بۇنىڭدىن شىكايەت    قىلىشى ۋە ئاخىرقى قېتىم بېيجىڭدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق ئىسىمى بار جىسمى يوق بىر تەشكىلاتنى تۈركىيەنىڭمۇ تېررورچى تەشكىلات دەپ قۇبۇل قىلىشى ئىنساننى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.

مەنچە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدە كۈرۈنۈپ قېلىشى مۇنداقلا بىر ئىش ئەمەس. يۈزلەرچە كىشىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيىگە كېلىشى ئىنساننى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. بىر قىسم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ھىجرەت نامى ئاستىدا چەتئەلگە چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، يەنە كۆپ ساندىكى بىر قىسىملىرىنىڭ چېگرا قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن چەتئەلگە قاچۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆيلىرى ۋە مال - دۇنياسىنى سېتىپ تاپقان پۇللىرىنى پارا بىلەن ئېلىۋېلىپ ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرماقتا.

مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇددەتتىن كېيىن ئاسانلا تەرتىپلىنىپ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلىشىدۇر.  خىتاي ئۆز پىلانى بىلەن سۈرىيەگە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلار «تېرورچى» دەپ ئېلان قىلىندى. خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا سۈرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنى ئۆرنەك قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى «تىروچى» دەپ ئېلان قىلىشقا تىرىشماقتا. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەرگىز «تېررورچى» ئەمەس.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى قارىلاش بىلەن سىياسى ئۇيۇنلارنى بىريەرگە جەم قىلىپ ئويلانغاندا ئاجايىپ بىر مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەسلىدە ئۇيغۇر تىنچلىقپەرۋەر، مەرھەمەتلىك، ناھايىتى ساددا ۋە شەپقەتلىك بىر مىللەتتۇر. خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى «تىرورچى» دەپ قارىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن زىت بىر ئەھۋالدۇر.

خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا «تىروچى» تامغىسىنى بېسىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇزاقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدە ئوينىلىۋاتقان ئۇيۇنلارمۇ خىتاي تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ خەلقئارا سەھنىسىگە چىقىرىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئويۇن ۋە خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى بىر پىلان لاھىيە بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ كۈچسىز ۋە ئاجىز بولىشى ئۇ مىللەتنىڭ ھەقسىزلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق - ھۇقۇقىمىز ھېچكىم بىلمەيدىغان مەخپى بىر ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ پۈتۈن دۇنيا بىلىپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن ئاجىز، خىتايدىن كىلىدىغان مەنپەئەت سەۋەبىدىن كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سېلىپ كەلمەكتە.

ئىنشائاللاھ دۇنيا كۈچلۈك مۇشتۇمزورلارنىڭ يېنىدا ئەمەس، ھەقنىڭ ۋە ھەق ئىگىسىنىڭ يېنىدا بولىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر....

ئېزىز تۈرك مىللىتىگە بىر ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ قويماقچىمەن: خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۇنياغا «تېررورچى» دەپ تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۆزى ئىجاد قىلغان بەزى بىر تەشكىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

مەسىلەن: بىر قانچە مىڭ كىشى چەتئەللەرگە قېچىپ چىقتى دېسەك، بۇلاردىن قانداق قاچتى ۋە قانداق چىقتى؟  بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىشى كېرەك. يەنە كېلىپ ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان ۋە چەتئەل ياكى ۋەتەن ئىچىدە ئىز- دېرىكى بولمىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسلىكى بىر ھەقىقەت. بۇ كىشىلەرگە «تېررورچى» تامغۇسىنى ئۇرۇشتىن بورۇن نېمە ئۈچۈن ۋەتىنىڭىزنى تاشلاپ چىقتىڭىز؟ دەپ سوراپ بېقىش كېرەك.

خىتاي بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش بولغان رايونلاردا بارلىقىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېرروىزمى ئېلىپ بارماقتا.  خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا «جىنايەتچى» مۇئامىلىسى قىلىپ زۇلۇم، ئىشكەنجە قىلماقتا. مىڭلارچە ياش ئىز- دېرەكسىز يوق بولماقتا، مىڭلارچە كىشى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. خىتاي دەۋا قىلغاندەك سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خىتاي ئاز ساندىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيادا «تېررورچى» دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. بەزى دۆلەتلەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئىسپاتلاپ ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۇياقتا تۇرسۇن خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا زۇۋان سۈرمەي تۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى تەستىقلىماقتا.

خىتاي، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن قېرىندىشىمىز بولغان تۈركىيەدە ياشىغان 80 مىليون تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇر خەلقىنى «تىرورچى» ۋە جىنايەتچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىنسان ئويلاپ باقمامدۇ؟ سېنىڭ دۆلىتىڭدە 1.3 مىليارد ئېتنىك خىتاي راھەت ياشايدىكەنۇ، نېمە ئۈچۈن 30 مىليون ئۇيغۇرغا ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىدە راھەت ياشاش ھەققىنى بەرمەيسەن؟

ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن 1.3 مىليارد خىتاي ئىگە بولغان ھەقلەرنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا نېمە ئۈچۈن بىرىلمىگەنلىكىنى سورىشىڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟!

تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشى تۈركىيەنى ئاجىزلاتمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاي تەرىپىدىن يىقىلغان كۆۋرۈكنىڭ يېڭىدىن بىنا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.