خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىغا دەخلى قىلىشى

ب د ت: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى، مۇتەخەسىسلەرگە پاراكەندىچىلىك سالدى

بېيجىڭ چوقۇم جانلىق كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى لازىم

(جەنۋە، 2017- يىلى 5- ئاۋغۇست) – كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى لازىم، دېدى. خىتاينىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ب د ت غا كىرىشىنى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىتا، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى چوقۇم پائال قارشىلىق كۆرسىتىشى لازىم.

«خىتاي ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ب د ت بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ مەقسىتى دائىم تەنقىدى پىكىرلەرنى باستۇرۇش ۋە خىتايغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ب د ت ئورگانلىرىغا كىرىشنى توسۇش» دېدى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننېس روس. «خىتاي ب د ت دىكى نامۇۋاپىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىردىن بىر دۆلەت ئەمەس، لېكىن خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئورنى، خەلقئارا تەسىرى، شۇنداقلا يەنە دۆلەت ئىچىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قاتتىق باستۇرۇشى، ئۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈلمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان يامان ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.»

«خەلقئارا تەشەببۇسنىڭ بەدىلى: خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىغا دەخلە قىلىشى» ناملىق 96 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ مۇستەقىل پائالىيەتچىلەرگە، بولۇپمۇ خىتايدىكى پائالىيەتچىلەرگە قانداق زىيانكەشلىك قىلغانلىقى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ب د ت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنى رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش ھەمدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ جەنۋەگە بېرىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. خىتاي يەنە ب د ت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار كومىتىتىدىكى ئەزالىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا تەنقىد پوزىتسىيەسىدە بولغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت نىڭ گۇۋاھلىقىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گۇۋاھلىققا ئېرىشىپ بولغان پائالىيەتچىلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشتىن توسقان – ھەمدە بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالىغان.

مەزكۇر دوكلاتتا 55 كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا مۇداخىلە قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە بىۋاستە چۈشەنچىگە ئىگە. ئۇلار 20 نەپەر ب د ت ئەمەلدارى ۋە مۇتەخەسىسى، 15 نەپەر دىپلومات ۋە 20 نەپەر ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت.

خىتاي ئەمەلدالىرى بەزىدە ب د ت خادىملىرىغا، ئەھدى تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە مۇتەخسىسلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىپ قورقۇتقان. بىر مۇتەخەسىس كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ب د ت سىستېمىسى پۇقرالارغا بوشلۇق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، لېكىن خىتاي بولسا دەل ئەكسىچە، ئامال قىلىپ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بوشلۇقىنى تارايتىدۇ.» خىتاي ب د ت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى كەڭ كۆلەمدە چەكلىدى، ب د ت غا بېسىم چۈشۈرۈپ خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەرنى كومىتىتتىن سىقىپ چىقاردى، ئىنتايىن ئاز ئەھۋالدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەمەلىي جاۋاب قايتۇردى.

ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق مىساللاردىن بىرى، خىتاي دائىرىلىرى 2013- يىلى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنى قولغا ئالدى، چۈنكى ئۇ بېيجىڭدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باھالاش دوكلاتى لايىھەسى يېزىلىشتىن بۇرۇن خەلقنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە جەنۋەگە بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولغان. ساۋ شۈنلى قاماقخانىدا ئېغىر كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللە ئۆمىكى 20114- يىلى 3- ئايدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان يەنە بىر قەدەمنى باستى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇخسەت قىلغان سۈكۈتتە تۇرۇش قارارىغا قارشى چىقتى ۋە توسقۇنلۇق قىلدى.

«خىتاينىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئومۇمىيۈزلۈك قەرەللىك باھالىشى 2018- يىلى ئېلىپ بېرىلىدۇ، لېكىن ساۋ شۈنلىنىڭ ئۆلۈمى خىتايدىكى پائالىيەتچىلەرگە: قاتناشقۇچىلار خەۋپكە ئۆزى مەسئۇل، دېگەن بىر سىگنالنى بەردى.» دېدى روس.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ كومىسسارى زەيد ھۈسەيىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دائىم ب د ت نىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە ئانالىز قىلىشتا مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بەزىدە، ب د ت ئەمەلدارلىرىمۇ خىتاينىڭ نامۇۋاپىق بېسىملىرىنى بايقۇت قىلىدۇ ياكى خىزمەتتە خىتايدىن كەلگەن تەسىرلەرگە پىسەنت قىلمايدۇ.

لېكىن باشقا ئەھۋاللاردا، مەسىلەن، تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى داھىيسى دالاي لاما، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق خىتايغا قارشى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ب د ت غا كىرىشىنى قوغداش مەسىلىسىدە، ب د ت ئەمەلدالىرى خىتاي بىلەن قارشىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىتاي بېسىمىغا تىز چۆككەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى شۇنداق ئېيتىدۇكى، بۇ خىل سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسى بەزىدە ب د ت نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرىگە بولغان مەيدانىنى بوشىتىۋېتىدۇ. 2017- يىلى 1- ئايدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۋەنى زىيارەت قىلدى ۋە ب د ت دۆلەتلەر سارىيىدا نوتۇق سۆزلىدى. ب د ت ئەمەلدالىرى غەلىتە بىر ئىش قىلدى: 3000 غا يېقىن خىزمەتچىنىڭ بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ نوتۇققا قاتنىشىشىنى مەنئىي قىلدى.

«ب د ت سىستېمىسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز كۆز – قاراشلىرىنى تارقىتىپ، بېيجىڭدىن خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم چۈشۈرىدىغان ئاز ساندىكى قاناللىرىنىڭ بىرى.» دېدى روس. «ب د ت ۋە ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر ھەرىكەتكە كېلىپ خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنى مونوپول قىلىشى ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشىنى توسىمىسا، ب د ت نىڭ ئىناۋىتى، ئەلۋەتتە، خىتاي ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش ئىقتىدارى خەۋپتە قالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار: