ئەراكان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات

       ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مىيانمار(بىرما) دۆلىتىنىڭ ئەراكان رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار، تارىختىن بىرى بۇددىستلار ۋە مىيانمار ھاكىمىيىتىنىڭ  ئىزچىل تۈردە قەتلىئام قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئەراكان مۇسۇلمانلىرى بۇندىن بورۇن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، 2017 - يىلى 25- ئاۋغۇستتىن تا بۈگۈنگە قەدەر بىرما ھاكىمىيىتى ۋە بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 8 مىڭدىن ئاشقانلىقى، يۇرتلىرىنى تاشلاپ بىنگال دۆلىتىگە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى بولسا 50 مىڭدىن ئاشقانلىقى خەلقئارالىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالماقتا. ئەراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىرۋە ۋەھشى قەتلىئامغا دۇچ كېلىشىگە قارىتا ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمەي سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

     ئەراكاندىن ئانچە يىراقتا بولمىغان شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى قەتلىئام جىنايەتلىرى يۈز بىرىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرق؛ ئەراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتالايدۇ، تەشۋىقات ساھەلىرى كۈندىلىك ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلالايدۇ، خەلقئارالىق مېدىيالاردىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىلىۋاتىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇس! شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، يۈزمىڭلارچە بىگۇناھ خەلقىمىزنى نورمال ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا 10-15يىللاپ زىندانلارغا تاشلاپ يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر خەلقى بىلسەكمۇ، ئەمما بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئاجىز كېلىۋاتىمىز ۋە قاتتىق قىينىلىۋاتىمىز.

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئەراكان ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى پىلانلىق ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مىيانمار ۋە خىتاي ھاكىمىيەتلىرىگە مۇمكىن بولغان قاناللار ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ قانلىق جىنايەتلەرنى دەرھال توختىتىش يولىدا ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى