ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ بايرىمى تەبرىكلەشكە ئەرزىمەيدۇ

2017- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقى شۇنداقلا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىق كۈنى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتايدىكى باشقا پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلار ۋە مەزلۇملارغا كۆڭۈل بۆلۈش كۈنى؛ دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئۆكتىچى زاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە جۈرئەت قىلىپ ئورنىدىن دەس تۇرغان زىيالىيلار ئۈچۈن بۇ كۈندە تەبرىكلىگۈدەك بىر ئىش يوق، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە ئۆكتىچى پىكىردە بولغۇچىلارنى تۆمۈر مۇشت بىلەن باستۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا.»

ئۇ مۇنداق دېدى: « ئاشقۇن "تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى"نىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار سۆز، يىغىلىش، ئويۇشۇش ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە شاھىت بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى خىتاي دۆلىتىگە ساداقەتسىزلىك بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلىمە قويدى. بۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆكرەك كېرىپ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرغان، خىتاي بولسا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلاۋاقتان بۇ شەخسلەر ئىنتايىن مۇھىم.»

خىتاي دائىرىلىرىنى ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ دىلوسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز.

ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىقلار سۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان. بولۇپمۇ ئىلھام توختى  باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، «ئۇيغۇر بىز» تورى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا پىكىر بايان قىلغان. غەيرەت نىياز ۋە گۈلمىرە ئىمىننىڭ دىلوسى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خىزمەتچىسى ئاتىكەم روزى بىلەن مۇتەللىپ ئىمىن 2014- يىلى 12- ئايدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ دىلو سۆز ئەركىنلىكىنىڭ مەھرۇم قىلىنىشىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ياشلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ دىلوسى ئەدەبىياتقا قويۇلغان توسۇقلارنى ئېچىپ بەرگەن بولسا، مەردان سېيتاخۇننىڭ تۈرمىگە قامىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىككە بولغان چەكلىمىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دىلوسى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىغا قارىتا كىشىدە شۈبھە پەيدا قىلىدۇ.

2016- يىلى، داڭلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەت مىسرانىمنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنمەمەت مارشال، داڭلىق يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر 15 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەردىن يالقۇن روزى، تۇنىياز ۋە ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

2017-09-29