خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا مال ئوبوروتى ئومۇمىيۈزلۈك توختىتىلىدۇ

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك چېكىدىن ئاشقان ۋە بىمەنە بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلەر ئامانلىق تەدبىرلىرى نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، ئوت ئۈستىگە ماي سەپكەندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. تۆۋەندىكى خىتايچە ئۇقتۇرۇشتا، 19- قۇرۇلتاي مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا مال ئوبوروتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك توختىتىلىدىغانلىقى ئالدىن ئۇقتۇرۇلغان.

 

 

ئۇقتۇرۇش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

 

ئۇقتۇرۇش

ھۆرمەتلىك ئابونىتلار:

2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، خىتاي كوممۇنستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى(يەنى 19- قۇرۇلتاي) بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئامانلىق ساقلاش دەرىجىسى ۋە شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ساقلاش ۋەزىيىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى مال ئوبوروت مەركەزلىرى، مال ئوبوروت بازارلىرىنىڭ ھەممىسى مۇلازىمىتىنى توختىتىدۇ. بارلىق يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

 

 

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى

 

خىتاي پوچتىسى تېز يەتكۈزۈش مال ئوبوروت ھەسسىدارلىق مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكترونلۇق سودا ئوبوروت شۆبە شىركىتى

ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمى (تامغا)

2017- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى