دىنىي رېئاللىقىمىز دەيدۇ: ئەلھەزەر!!!

يۈرەكلەر پۇچىلىنىۋاتقان، پەرياد سادالىرى پەلەككە يەتكەن، ئەڭ ئېچىنىشلىقى دەرد-ھالىمىزنى خۇدادىن باشقىغا تۈزۈكرەك ئاڭلىتىشمۇ قېيىنلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش ۋە ئىسلاھ قىلىش خەرىتىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەھۋالىمىز ئۈستىدە ئويلىنىش، تەكشۈرۈش ۋە توغرا دىئاگنوز قويۇشقىمۇ ئېشىنالماي ياشاپ كېتىۋاتىمىز. تەپەككۇر قەھەتچىلىكى گويا ماددىي قىسىنچىلىقلىرىمىزغا جور بولۇۋاتقاندەك، بىزنى ھەر كوي ۋە تەشۋىشلەرگە سالماقتا. ئەقىل كۆزىمىزنىڭ نۇرىنى كۈچەيتىپ ئۆزىمىزنى تۈزۈكچە سىلكىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ بىزنىڭ يەر يۈزىدە ئەركىن نەپەس ئېلىشىمىزنىمۇ خالىمايۋاتقانلارنىڭ قاتتىق-قاتتىق زەربىلىرىدىن ھوشىمىزغا تولۇق كېلىپ بولالىغىنىمىز يوق. بىز ئېھتىياجلىق ۋە جاۋاب تېپىشىمىزغا قاراشلىق نەرسىلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا قارىماي زېھنىمىزنى خورىتىدىغان، دىققىتىمىزنى بۆلىدىغان، تەپەككۇر كۈچىمىزنى بوشاشتۇرۇپ ئاڭ-سەۋىيىمىزنى ئەخلەتلەشتۈرىدىغان ھەرخىل ئۇچۇرلار، چوقان-سۈرەنلەر، داۋراڭ-شۇئارلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. دىن نامىدا ئەقىللەر مەسخىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئىلىم پايخان بولۇۋاتىدۇ. دىن ۋە بۇ دىننىڭ ئىلىم تارىخى بىر تۈركۈم نائەھلىلەر، خام ھەۋەسكارلار، دىنغا دەرىزىنىڭ سىرتىدىن قارايدىغان، تەپەككۇر ئىشىكىنى دۈم تاقاپ مەدداھلىقنى دىن دەپ بازارغا سالىدىغان كالتا پەم موللىچاقلار قولىدا خارلىنىۋاتىدۇ. بۇنى ئاز دەپ دىنسىزلار ياساپ بەرگەن ئىسلامچە كىملىكنى تاللىمىغانلىقى ئۈچۈن ناھەق جازاغا ئۇچراۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ئالىم-ئۆلىمالىرى، تالىبۇل ئىلىملىرى نە بىلىمدە، نە ئادىمىي ئەخلاقتا ئازىراقمۇ تايىنى يوق بىر كىملەر تەرىپىدىن ھاقارەتكە ئۇچراۋاتىدۇ. ھۇجۇم ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
ئىلىملەر ساھەلەرگە، ساھەلەر ئۆز ئالدىغا مۇتەخەسسىسلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ بولغان مۇشۇ ئەسىردىمۇ بىر قارىسا فىقھىيدىن، يەنە بىر قارىسا ئەقىدىدىن ۋالاقلايدىغان، بىردەم ئېڭەكنىڭ ئاستىدىكى تۈككە، يەنە بىر تۇرۇپ يۈرەكلەردىكى ئىمانغا مېتىر قويىدىغان بىر قىسىم تۈك ۋە سانتا مېتىر مۇتەخەسسىسلىرى بۇ قايناق بازاردىن ئورۇن ئىگىلىمەكچى بولۇشماقتا. سىستېمىلىق ئىلىم ئوقۇش تارىخىغىمۇ ئىگە بولمىغان بۇ موللەكلەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭلا ئەمەس، بىر پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇجتەھىدلىرىگە جاھىللارچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشلىرى، بولۇپمۇ ئۆز ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە ئايەت ۋە ھەدىسنى قالقان قىلىپ شىلتىڭ ئاتماقچى بولۇشلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن سەسكىندۈرىدۇ.
مىسال قىلىدىغان بولساق، ئىنتايىن قوپال ۋە نەپرەت ھىدى كېلىدىغان، ئوقۇرمەننىڭ كۆزىگە خوخىدەك سانچىلىپلا تۇرىدىغان يۈزەكى، بۇزۇق ۋە قاتمال تەرجىملىرى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرىگە ئوپئوچۇق ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۇ پارازىتلارنىڭ قەرداۋىي، شەئراۋىي، نەسەفىي قاتارلىق ئالىملارنى ئايەت بۇرمىلاش، دىننى ئۆزگەرتىشتەك ئىنتايىن تېتىقسىز ۋە چاكىنا تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىماقچى بولۇشلىرى ئۇلاردىكى قارانىيەتلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تىلى دىلىدەكلا قېتىپ توڭ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ئىنسان تۇرۇق مەخلۇقلارنىڭ يىرگىنىشلىك ۋە قانسىق ئىبارىلەرنى ئەتەي قوللىنىپ تۇرۇپ ئاتالمىش ئىختىلاپنى تۈگىتىش داۋرىڭى قىلىشى كىشىگە تەسەۋۋۇردىكى دونكخوتلار دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ. تارىختا ئەشئەرىي، ماتۇرىيدىي، ئەھلى ھەدىسلەر بولۇپ، ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدىدىكى بۇ ئۈچ يۆنىلىشنىڭ پەرقلىق شارائىتلاردا مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم تارماق مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلارغا كېلىشىدەك نۇرمال ئىلمى ھادىسە سەۋەبلىك شۇنداق ئاتالغانلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز بۇ دونكخوتلارنىڭ ئەقىدە ساھەسىدە يېتۈك ئالىملار تۈگۈل ئادەتتىكى نورمال بىلىم-ساپاغا ئىگە ئىلىم ئىگىسىى دەپ سالمايدىغان بەتناملارنى كۆتۈرۈپ چىقىشى تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئەھۋال. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەرەبىستاننىڭ تۇرمۇش ۋە ياشاش يولىغا قىياسلاپ مەسىلە تەھلىل قىلىدىغان، بىر قىسىم كونكرېت مەسىلىلەرنى ئابستراكت قىلىپلاشقان بايانلار بىلەن جاۋابلاشتىن يانمايدىغان ساناقلىق شۇ بىر نەچچە پەقىھى ۋە بىر ئىككى مۇھەددىسى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى كۆتۈرۈپ چىققان بىر قىسىم ۋەزنىسىز پىكىرلەرنى، ئىسلام دۇنياسىدا ئۆتمەس ماتاغا ئايلىنىپ بولغان ئەقىدىگە ئائىت بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارغا قىلچە مۇناسىۋەتسىز بەزى قاراشلىرىنى ئەتەي يېغىپ تۆشەپ كېلىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە قاراتماقچى، زېھنىنى مەشغۇل قىلماقچى بولۇشلىرى بۇلارنىڭ سىياسەت ئويناشتىكى رەڭۋازلىق سەۋىيەسىنىڭ بەكمۇ تۆۋەن ۋە چاكىنا ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، دىنسىزلار «رەببىم ئاللاھ» دېگەنلەرنى سەن بىز بەلگىلىگەن شەخسنى رەببىم دېيىشىڭ، ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىشىڭ كېرەك ئىدى دەپ ئۇلارغا جىسمانىي ۋە مەنىۋى ئەزىيەتلەرنى بەرسە، ئەقلىگە چىۋىن ئوسا قىلىپ قويغان مۇنۇ موللەك دونكخوتلار قوپۇپ ئەقىدە ئىلمىدا قاراساۋاتلىقىغا باقماي: «سەنلەر رەببىم ئاللاھ دېيىشكىنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ پۇت-قۇلىغا چوقۇنۇشمايسەن، ئۇنىڭ قولى بار دېمەيسەن، شۇڭا ئەقىدەڭ بۇزۇق»، دېيىشتەك بىر قارىسا يەھۇدىيچە، يەنە بىر قارىسا بۇددىزم ئىدىيەسىگە يېقىن ئېتىقادنى سۆرەپ چىقىشماقتا. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي، تەكرار ۋە تەكرار دېكلاماتسىيە قىلىشلىرىغا تەمكىن ۋە پەرۋاسىز قارىغانلىقنى ئاجىزلىق دەپ چۈشىنىپ دىن ئالىملىرىنىڭ ئار-نۇمىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى، تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇشنى يوللۇق سانىشى بۇلارنىڭ قەبىھلىكتە نەقەدەر پەسكەش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
باغرى كەڭ، بۇ مۇنبەت دىياردا ئۇيغۇرنىڭ دىنى ئۆزىدىنمۇ ئۆتە سەرسانچىلىققا مەھكۇم بولۇۋاتقان پەيتلەردە كىرىزىسلارغا سۈكۈت يولىنى تاللاپ بىپەرۋا قارىۋېلىشنى مەسىلىنىڭ توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان سىياسەتچىلىرىگە ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى قانچىلىك ئادا قىلدىڭلار! دەپ سوراشقا ھەققى بولغىنىدەك، بىلىم-مەرىپەت ئىشىدا بىلىم ئىنسانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولغان دىن ۋە دىن ئىلىم ساھەدىكىلەرگە ئۆز مەجبۇرىيتىڭلارنى قانداق ئادا قىلىۋاتىسىلەر؟ دەپ سوراشقا تامامەن ھەققى بار. دىن ساھەسىنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى، مەسئۇلىيەت ئېڭى تىكلەنگەن، ساغلام ۋە كەسپىيلەشكەن بىلىمگە ئىگە دىنىي ئىلىم ئىگىلىرى بار تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دىن ۋە دىن ئىلىم ساھەسىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم، مەسخىرىلەرگە سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى، ئۆزلىرى دىنى ساھەنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىدىكى ساھەگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا ئىگە چىقماي، بولۇۋاتقان ناھەقچىلىقلارغا مۇناسىپ ئىنكاس بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇپ بېقىشتا چىدامچانلىق كۆرسىتىىشى ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان مەۋقەسىگە يارىشىدىغان پوزىتسىيە دېگىلى بولمايدۇ. فىقھى تالاش تارتىشلارنى مەيلى دېگەندىمۇ، ئەقىدە ۋە ئېتىقاد جەھەتلەردە بۆلىنىشكە، بۇرمىلاشقا ئېلىپ بارغۇچى ھەرقانداق نامدىكى ئۇرۇنۇشلارغا تاماشىبىن بولۇش بۇ مىللەتنىڭ ئالىم-ئۆلىمالىرى سالاھىيىتىدىكىلەرگە قەتئىي ياراشمىغان ۋە ياراشمايدىغان بىر مەۋقەدۇر. كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىۋاتقان، تىنىمىسىز دىن خىزمىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ھەقىقى ئۆلىمالارنى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى مەۋقەسىدىن چىقمايدىغان پىرىنسپى بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلگەن بىر ئۇچۇم قارا نىيەتلەرنىڭ تالان-تاراجىغا تاشلاپ بېرىش نورمال ۋىجدان ئىگسىگە يات بولغان ئىنساپسىز قىلمىشتۇر.
بىلىش كېرەككى، ھەق ئەھلىنىڭ ھەقنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش، سەپسەتىچىلەرنىڭ بۇرمىلاشلىرىغا، تۆھمەت ۋە ھاقارەتلىكلىرىگە مۇناسىپ جاۋاب بېرىش ھەققى بار. بۇ ئۇلاردىكى تەبىئىي ھەقتۇر. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەق ئىگىسى بولۇش سۈپىتىى بىلەن توغرىنى توغرا يوسۇندا چۈشەندۈرۈش، خاتانى خاتا دېيىشمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئاۋامغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇللارنىڭ ئۆز كىرىزىسلىرىنى ئاۋامنىڭ ئايرىۋېلىشىغا تاشلاپ قويۇشى، ياكى بولمىسا ھازىرقى ۋەزىيەتتىكىگە ئوخشاش تۆھمەت ۋە قارىلاش نۆۋىتى ئۆزىگە كەلمىگەنلىكى، ياكى نۆۋىتى يېنىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تىمتاس بۇلىۋېلىشىلارنى ئاقىلانىلىك، مەرتلىك دېگىلى بولمايدۇ. بۇ دىن بىر دوكتورنىڭ، ياكى نوقۇل ئەزھەردە ئوقۇپ قالغانلارنىڭلا دىنى ئەمەس. بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دىنى. دىننىڭ يادرولۇق مەسىلىلىرىدە ئەزھەرگە ئوخشاش ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنى، ئەزھەرنىڭ بىر قىسىم ئىسلاھاتكار ئالىم-ئۆلىمالىرىنى قارىلايدىغان جۈرئەتتىكى بەتنىيەتلەرگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش لازىم. بولۇپمۇ بۇ دىننىڭ نەسەفىي، قەرزاۋىي ۋە شەئراۋىيدەك يېتىشكەن مۇجتەھىد ۋە مۇپەسسىرلىرىدىن، ئەقىدە ئۆلىمالىرىدىن نۇمۇس قىلماي ئەھلى سۈننەتلىكنى تالىشالايدىغان، تېخى ئۇلارنى ئەھلى سۈننەتتىن چىقىرىپ تاشلىيالايدىغان قارانىيەت دونكخوتلارنىڭ ئاپىرىدە بولالىغانلىقى مەسئۇلىيەتنىڭ شەخس مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، سەل قاراپ ئۆتكۈزۋېتىشكە بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم، بۇ ھازىردىن كېينكى ئەۋلاتلارنى قانداق قىلغاندا ساغلام ۋە توغرا دىنىي مەنبە بىلەن تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئويلاندۇرىدىغان چوڭ بىر سېگىنال بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كۈنىمىز تارىختىكى ھەرقانداق كۈنىمىزدىن دەھشىتى ئېغىر، مۇسىبىتى بۈيۈك بىر كۈن. بۇ كۈنلەر ئۆتمۈشتىن ھەسسىلەپ ساۋاق چىقىرىدىغان، قولدىن چىقىرىپ قويغانلىرىمىز، قەدىرلىيەلمەي قالغانلىرىمىز ئۈستىدە ئۆز ئۆزىمىزدىن ھېساپ ئالىدىغان، تارتقۇلۇقلىرىمىزنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىزدىنىدىغان كۈن. قانداقتۇر ئۆتمۈشتىكىلەر جاۋاب تېپىپ ھەل قىلىپ بولغان، باھاسى بېرىلىپ بولغان نەرسىلەرنى قايتىدىن ئىزىپ شەرھىيلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان، باشقىلار بۇرنىغا يەپ مېزى قالمىغان، بازىرى ئۆلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن زېھىن خورىتىدىغان پەيت ئەمەس. بۇ چاغ ئوچۇقتىن ئوچۇق زىيانكەشلىكلەرگە سۈلھى-سالالار بىلەن، ۋەز تەبلىغلەرنى كامېرادا چەپ قويۇپ تۇرۇپ چاي ئىچكەچ دېيشىۋالساقمۇ بولىدىغان چاغ ئەمەس. بۇ مەزگىل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى بۆلۈشكە، مۇنقەرز ئىدىيەلەر تۈپەيلى ئايىغى چىقماس خالتا كوچىلارغا سۆرىلىشىگە يول قويۇشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر مەزگىل. ئۆزىگە خاس مۇستەقىل دۇنيا قاراش ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىرەر پىكىر-سېستىمىسى بەرپا قىلىش تۈگۈل، توغرا نورمال ئاڭ-سەۋىيە تۇرغۇزۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنلەرنىڭ ۋالاقلاشلىرىغا قۇلاق سالىدىغان، ئەرەبچىنى ئاران تەرجىمە قىلالىغۇدەك ئاددىي سەۋىيەدىن پايدىلىنىپ دىن ۋە ئىلىم ساھەسىنى بۇلغىماقچى بولغان دىن پارازىتلىرى بىلەن تەڭ بولۇپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ ئەمەس.
بۇنداق بىر مەزگىلدە ئورتاقلىشىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەرنى يېپىق ھالىتىدە قاتلاپ قويۇپ تارتىشىش زۆرۈرىيىتى نەچچە ئەسىر ئىلگىرى تۈگەپ توختىغان مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشنى دىنغا قىلىنغان دۆتلەرچە سۇيىقەست دەپ تونۇماي بولمايدۇ.
بىز قاچانكى، ئۈممەتنىڭ ئەقىل ۋە پىكىر رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخىدىكى ئىلمىي ۋە پىكرىي كىرىزىسلار ئۈستىدە بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن بىخەۋەر قالىدىكەنمىز، بۈگۈنكى پىكرىي كىرىزىسلارغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ئۈمىد ئۈزسەك بولىدۇ. بۇنداق بىر باسقۇچتا ئۇلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى، دەۋەت يولىدىكى ئەھمىيەتلىك تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ۋە خىرىسلارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا، كىرىزىسلارغا دادىللىق بىلەن قانداق دىئاگنوز قويغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كۆرۈش بىزنى نۇرغۇن پايدىلارغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يولۇقۇش ئالدىدا تۇرغان يەنە نۇرغۇن زىيانلارنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. زىيانغا يولۇقساقتۇ، پايدا ئالساقتۇ جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغىنى ئاخىرىدا يەنە ئۆزىمىز بولىمىز.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى، دىن ئىلمى ئۇ قەدەر مۇنتىزىم ۋە سىستېمىلىشىپ كەتتىكى، ئەقىدە دائىرسىدىكى مەسىلىلەرگە ئەقىدە ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، فىقھىغا فىقھىنىڭ، تەپسىرگە تەپسىرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلمىي قوشۇنى بار. ئىسلام دۇنياسىدا ھېلىھەم كەسپ ئەھلىلىرى ئۆز كەسپىگە دائىر مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ھەل قىلىنىدىغان پىكرىي ۋە ئىدىيەۋىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇ دەۋردە كەسپىي ساھەدىن ئازراقمۇ ئەسەر يوق، مۇتەخەسسىسلىشىنىڭ مەنىسىگە ئۈگەي بىرىنىڭ چىقىپ: ئۇيغۇرنىڭ ئالىمىدىن تارتىپ كۆپ سانلىقىنىڭ ئەقىدىسى بۇزۇق، ھەممىڭ ئاقچى ياكى كۆكچى، دەپلا تۆت بەش جايدىن ئەرەبچە نەقىل چاپلاپ ئۇنىڭغا ھېسسىيات قوشۇپ دىن ئەتكەسچىلىكى قىلىمەن دېسە، بۇنىڭغا ھە دەپ قاراپ ئولتۇرىدىغان ئىپتىدائىيلىققا چوقۇم خاتىمە بېرىش لازىم. ئەگەر 2017-يىلىغا كېلىپمۇ ئاتمىش يىل ئاۋۋالقىلارنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئىدىيەلىرىنىڭ قايتا بازار تېپىشىغا يول قويغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان بولساق، ئۇيغۇرنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملاردىن كېيىنكى ئەۋلاتلارنى ساقلاشقا ھەسسە قوشالايدىغانلارنىڭ ھازىرقى بىز ئەمەسلىكىگە كامىل ئىمان ئېيتىۋېتىپ، تاماشىبىنلىق رولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ياشاۋەرسەك بولىۋېرىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر مۇنقەرزلىكتىن باش كۆتۈرەلمىگەنگە، قىرىلىپ تۈگىگەنگە، ياكى نادانلىقتىن بىر-بىرىنى غاجاپ تالان-تاراج قىلغانغا پەلەكنىڭ چەرخى توختاپ قالمايدۇ. خۇدانىڭ ئۇلۇغلىقىغىمۇ ھېچ زىيان كەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولغىنىدەك، ئۆزىنى ئۆز ئىچىدىن ھالاك قىلىشقا جان ئاتىدىغان مىللەتنى مۇرات-مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ قويۇشقىمۇ قادىردۇر.

- مۇئەللىم قەلىمىدىن

https://wetinim.com