خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە بۇ يىل 9- ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. يېقىندا، مائارىپ نازارىتى بارلىق مەكتەپلەردىن ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە دەرسلىك كىتابلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
10- ئۆكتەبىر، غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى يېزا – بازارلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق ئىككى مىللەتنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىشنى ۋە پىچەتلەشنى تەلەپ قىلغان.
غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى تۆەندىكىچە:
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى يەتكۈزۈش
ھەر قايسى يېزا – بازار(مەيدان)لاردىكى مائارىپ ئىشخانىلىرى، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەرگە:
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى سىلەرگە يەتكۈزىمىز. سىلەر ھۆججەتتىكى تەلەپلەر بويىچە ئىجرا قىلغايسىلەر. كونكېرىت ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق يېزىقىدىكى «تىل - ئەدەبىيات»نىڭ بارلىق دەرسلىك ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىدۇ، مەكتەپتە ھازىر بار بولغانلىرى بىر تۇتاش پىچەتلىنىدۇ.
- دۆلەت بىر تۇتاش تۈزگەن «ئىدىيە - ئەخلاق» ۋە «تارىخ» دەرسلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تەرجىمە خىزمىتى تېخى تولۇق ئاخىرلاشمىدى، بۇلارمۇ ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىدۇ.
- ئالاقىدار پەنلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى قوشۇمچە دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ.
- ھەر قايسى مەكتەپلەر بۇ «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەسلىكى، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم.
ئالاقىلاشقۇچى: لودەن
قوشۇمچە: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»
غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى
2017- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى
ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىدىكى تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈش پۇرسىتىمۇ يوقالغاندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ مائارىپ قانداقسىگە يەنە «قوش تىللىق» مائارىپ بولىدۇ؟