شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشنىڭ بەدەللىرى 1

خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنى كونترول قىلىشىدا كۈچلۈك مەقسەت - مۇددىئالىرى بار. بۇنىڭ بەدىلىنى ئۇيغۇرلار ئۆتەيدۇ.

زاكېرى توررېي
دىپومات تورى (The Diplomat)

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەختسىز قىسمىتى بار. بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئىگە بولغان ئىككى ئاچقۇچلىق ئامىل خىتاي كومپارتىيەسى(تۆۋەندە قىسقىچە خ ك پ دەپ ئېلىندى)نىڭ ئۇلارنى ئىزىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇلار ئىگە بولغان كۈچلۈك مىللىي كىملىك، بۇ ئۇلارنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي مىللىتىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. ھەقىقەتەن، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۇلارنىڭ كىملىكىنى«خىتاي بولۇپ كەتمەسلىكنىڭ»ئاساسلىق ئامىلى دەپ قاراشقا باشلىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇلار ياشىغان زېمىن، شىنجاڭ ئۆلكىسى(شەرقىي تۈركىستان - ت)نىڭ تەبئىي بايلىقلىرى مول، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى. بۇ دۆلەتتىكى تەبئىي گاز ۋە نىفىت زاپاس مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بۇ رايوندا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، زاپاس مىقدارى زور بولغان ئالتۇن، ئۇران ۋە باشقا مېنېرال ماددىلارغا ئىگە. سىجىل ئېنېرگىيەمۇ مۇھىم ئامىل: شىنجاڭ قۇياش، شامال ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئېرىششىتىكى بىر ئالتۇن بەلۋاغ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭ تارىخىي يىپەك يولى لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ئارقىلىق بۇ يولنى قايتا قۇرۇش نىيىتىدە.

بۇ ئامىللار بىرىكىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور كۈچ بىلەن زۇلۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. بولۇپمۇ، ھەر بىر ئامىل خىتاينىڭ ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈش پەلسەپىسىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن:زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە سانائەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش. زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش خ ك پ نىڭ «يادرولۇق مەنپەئەتلىرى»دىن بىرى بولۇپ، بۇ خ ك پ نىڭ بۇنى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئاساس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خىتاينىڭ 1839 - 1949 غىچە بولغان «ئار - نومۇسلۇق يۈز يىل» مەزگىلىدىكى چەتئەل ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئۇچراش تارىخى خ ك پ نىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھېرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. خ ك پ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى ۋە بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ يۇشۇرۇن بۆشۈكى دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى پارتىيە تىلى بويىچە «بۆلگۈنچىلىك» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ۋە خىتايلاردىن پەرقلىق كىملىكىدىن پەيدا بولغان. يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلان: رايوندىكى 20 مىليون نوپۇسنىڭ 49% ى ئۇيغۇر، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئاز. خ ك پ بۇ خىل زىچلىقنى بۆلگۈنچىلىك ئوتىنى ئۇلغايتىۋېتىدۇ دەپ قارايدۇ. پەرق شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى دىندۇر: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان ھەم ئىسلامنى مىللىي كىملىكىنى بەلگىلىگۈچى ئامىللاردىن بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرى خىتايلاردىن زور پەرقلىنىدۇ. ئۇلار خىتايلارنى سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچى دەپ قارايدۇ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەھرىمانلار خىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلاردۇر. ئۇلار ھەتتا خىتاي تىلىدا سۆزلىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈركىي تىل بولۇپ، ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە دىنىي جەھەتتىكى پەرقى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان بىر يۇشۇرۇن خىرىستۇر. خىتاينىڭ سانائەتلىشىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىھتىياجى بۇ يۇشۇرۇن خىرىسقا بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. خ ك پ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈشىگە باغلىق دەپ قارايدۇ، ئىقتىسادنىڭ تۇرغۇنلۇقى خ ك پ ھاكىمىيىتىنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى دېمەكتۇر. سانائەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ بىخەتەر ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش ئىھتىياجى بار. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش خ ك پ نىڭ چەتئەل ئېنېرگىيەلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ھەربىي خەۋپ ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىدۇ. خىتايدىكى كۆمۈرنىڭ40%ى ۋە نىفىتنىڭ 20%ى بۇ ئۆلكىدە. يەنە كېلىپ، بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى مەركىزى ئاسىيا ۋە پاكىستانغا ئۆتۈشتە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئۆتەڭگە تايىنىدۇ. خىتاي ئاللىبىۇرۇن خىتاي - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىغا 45 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، 900 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى مۆلچەرلەنگەن. بىر تىرىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغنىڭ خەۋپسىزلىك ئىھتىياجى بار.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاللىغان، بۇلار ئاساسلىقى نوپۇس كونترول قىلىش، دىنىي باستۇرۇش ۋە تىل ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

 

نوپۇس كونترول قىلىش

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلىتىشتا ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىۋاتىدۇ: خىتاي كۆچمەنلەر ۋە يەر تەقسىم قىلىش. پارتىيە خىتاي نوپۇسىنى تەبئىي سادىق ھىمايىچىلەر دەپ قارايدۇ(توغرا ياكى خاتا بولسۇن)، لېكىن خىتايلار دېڭىز بويى رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئەگەر بۇ ساداقاتمەن خىتايلار كەڭرى چېگرا رايونلىرىغا كۆچۈپ كەلسە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئىسيان خەۋپى بار دەپ قارالغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كومپارتىيەنىڭ ھىمايىسىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. كوممۇنىستلار بۇ سەۋەبتىن خىتايلارنى شىنجاڭغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، دەسلەپتە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر توپ - توپى بىلەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىدۇ، خىتاي ياشلىرى «دېھقانلاردىن ئۆگىنىش» ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ(كېيىن ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىىشغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ). كېيىنچە، پارتىيە ئىقتىسادىي ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، مەسىلەن يەر باھاسىدا ئېتىبار بېرىش دېگەندەك. بۇ سىياسەت ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. 1949- يىلى خىتاي نوپۇسى رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5%نى ئىگەللىگەن بولسا، 1979- يىلى 40% كە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، كوممۇنىست ھۆكۈمەت سەپتىن قايتقان ھەربىي قىسىملاردىن تەشكىلا تاپقان ۋە كىچىك ھۆكۈمەت ھالىتىگە كىرگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنى قوللايدۇ. ئۇلار ھالقىلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ ئەتراپىدا، تەبئىي بايلىقى مول بولغان رايونلاردا ۋە خىتايلار بولمىغان شەھەرلەردە «دېھقانچىلىق مەيدانلىرى» قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ سابىق ھەربىي قىسىملار ۋە ئۇلار ئىگەللىگەن ھالقىلىق جايلار خ ك پ نى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىشتا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.
(داۋامى بار)

زاكېرى توررېي (Zachary Torrey) لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ توقۇنۇش تەتقىقاتى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانتى. تەتقتىقات يۆنىلىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسىي ئىقتىسادى