شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشنىڭ بەدەللىرى 2

خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنى كونترول قىلىشىدا كۈچلۈك مەقسەت - مۇددىئالىرى بار. بۇنىڭ بەدىلىنى ئۇيغۇرلار ئۆتەيدۇ.

زاكېرى توررېي

دىنىي باستۇرۇش

دەسلەپتە، خىتاي كوممۇنست پارتىيەسى  ئىسلام مەدەنىي ھاياتنىڭ ئاساسىي بولغان شىنجاڭدا ئاتېئىزمنى يولغا قويۇشنىڭ ئەكىس تەسىر  پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندى. بۇنىڭ بىلەن، خ ك پ ھۆكۈمەتتە ئاتېئىزمنى ھىمايە قىلىش بىلەن بىرگە يەرلىكلەرگە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. «بۇ شىنجاڭدا شۇنىڭدىن دېرەك بەردىكى، سوتسيالىزم ھاكىمىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاساسلىق دىنىي بايراملار <مىللىي ئەنئەنىلەر> قاتارىدا مۇئامىلە قىلىندى،» ئەكسىچە ئاشكارا دىنىي پائالىيەتلەر دەپ قارالمىدى. لېكىن ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، دىن بىلەن مىللەتنىڭ بىرلىشىشى تۈزۈملەشكەن ئىسلامنى خ ك پ نىڭ نەزىرىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئوڭچىللىققا قارشى ھەرىكەت جەريانىدا مەسچىتلەر تاقالدى، ئىماملار تۈرمىگە تاشلاندى، ھىجابقا ئوخشاش دىنىي تۈستە كىيىنگەنلەر قولغا ئېلىندى. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە زۇلۇم ئەۋج ئالدى: «خ ك پ مەسچىتلەرنى قەستەن چوشقىلار بىلەن بۇلغىدى. نۇرغۇن دىنىي رەھبەرلەر ئېتىۋېتىلدى.» ئىسلامىي ئېتىقادنىڭ سىرتقى ئىپادىلىرى شۇ ئانلا ۋەھشىيلىك بىلەن جازالاندى.

 

11- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىنى رادىكال ئىسلامىزم دەپ ئاتىشىغا يول ئېچىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، خ ك پ شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىككە بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى. پەقەت مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرنىڭلا مەككىگە بېرىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدىن بولغان ھەجنى ئادا قىلىشىغا يول قويدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەنلىرىدە بولسا «مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيە كۇرسلىرى»غا ئەۋەتىلەتتى.

 

2017- يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ ئۇيغۇر بەش كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ، خىتاي دائىرىلىرى رايونغا مىڭلىغان ھەربىي - ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ كەلدى. مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۇجۇم ساقچىلارنىڭ ئۆيىدە دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىنى جازالىغانلىقىغا قارشى ئېلىپ  بېرىلغان. باشقا كىچىك بەلگىلىمىلەرمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشەش، ۋەھىمىگە سېلىش ۋە بۆلۈش رولىنى ئوينىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا «ئىقتىساد تورى» ئىزاھلاپ ئۆتكەندەك، بۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى مەنئىي قىلىش، «بىنورمال» ساقال ۋە ئسىلامىي كىيىملەرنى چەكلەش، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇھەممەد، ئىسلام قاتارلىق «دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئىسىملارنى» قويۇشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ سىياسەتلەر پەقەت ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىلا ئىجرا قىلىنىدۇ. خىتايدىكى يەنە بىر چوڭ مۇسۇلمان مىللەت بىلەن تۇڭگانلار بۇ خىل بسىملارغا ئۇچرىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خ ك پ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ داۋاملىشىشىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش رولىنى دۆلەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرولۇق توسالغۇ دەپ جەزىملەشتۈردى. بۇلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلەلەيمىزكى، ئىسلامنى كونترول قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقىادىغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا چېتىلىدۇ. خ ك پ ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىستىكىنى جانلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر، ھازىرقى رۇسىيەدىكى چېچەنلەر، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلامنى مىللىي بىرلىك شوئارى قىلغان. خ ك پ دىننىڭ شىنجاڭدىمۇ بۇ خىل يولدا ئىشلىتىلىشىنى توسۇش قارارىغا كەلدى.

(داۋامى بار)

زاكېرى توررېي (Zachary Torrey) لوندون ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ توقۇنۇش تەتقىقاتى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانتى. تەتقتىقات يۆنىلىشى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسىي ئىقتىسادى