خىتاي ھەيئىتى گېرمانىيەدە

خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى» گېرمانىيەدە زىياەتتە بولماقتا

تۈركىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 17- چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇتەخەسىس، زىيالىي ۋە دىنىي زاتلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت گېرمانىيەنىڭ بېرلىندىكى گېرمانىيە بىلىم ۋە سىياسەت فوندى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان ۋە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

 ھەيئەت باشلىقى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ۋاڭ يەنجوڭ، سۆھبەتكە قاتناشقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارغا «شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلار، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، مەدەنىىيەت ئالماشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ۋە دىنىي ئەركىنلىك» قاتارلىق تېمىلاردا مەلۇمات بەرگەن.

ۋاڭ، بۇ زىيارىتى ئارقىلىق گېرمانىيە خەلقىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئوبېيكتىپ بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ھەمدە گېرمانىيەنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناپ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىككى تەرەپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەيتئەت 15- ئۆكتەبىردىن 18- ئۆكتەبىرغىچە بېرلىن ۋە ميۇنخىندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ « شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدىكەن».

 

خىتاي دائىرىلىرى، مىسىر قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيەگە ئوخشاش غەرب ئەللىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىنى يوشۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى پەرزدازلاپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.