رابىيە قادىر: مىللەتلەر مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ، خىتاي چوڭ دۆلەت بولالمايدۇ

شى جىنپىڭ 3 يېرىم سائەتلىك دوكلاتىدا ئۆز ھاكىمىيىتى دەۋرىدە تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ( بەزى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىلى بويىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاي خەلقىنىڭ تىلى بويىچە ”شىنجاڭ مەسىلىسىى“) نى تىلغا ئالمىدى. بۇ ھەقتە پەقەت ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندى. سەۋەبى دۇنياغا ئېنىق ئەمەس، ئەمما بۇ مەسىلىگە چېتىشلىق ئىككى تەرەپكە، ئۇيغۇر خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەش قولدەك ئېنىق. بىز بۇ پۇرسەتتە خىتاينى دۇنيادىن لىدېرلىك تالىشىۋاتقان خىتابلىرىدا سەمىمىي بولۇشقا، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يوشۇرماسلىققا چاقىرىمىز.
خىتاي شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى رايوننى بېسىۋالغاندىن 1949 ‏-يىلدىن كېيىن ئۇزۇن يىللارغىچە ئۈندىمەسلىك، قاقشىماسلىق يەنى تىلغا ئالماسلىق مېتودى بىلەن دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن؛ پەقەت 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىبارەت ”ئالتۇن پۇرسەت“تىن پايدىلىنىپ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشچىلىرىمىزنى “ شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى“ دەپ ئەيىبلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. شەرقى تۈركىستاندا يېقىنقى 20 يىلدا يۈز بەرگەن 100لەرچە قانلىق ۋەقەنىڭ %90 ى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ، بولۇپمۇ 2013 ‏-، 2014، ۋە 2015 ‏-يىللىرى يۈز بەردى. مەسىلەن، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلاش ۋەقەسى، تيەنئەمىن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ، كۈنمىڭ ۋەقەسى، 22‏-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 28 ‏-ئىيۇل يەكەن قەتلىئامى، 18 ‏-سېنتەبىر بۈگۈر قەتلىئامى ، 18 ‏-سېنتەبىر باي كۆمۈركان ھۇجۇمى قاتارلىقلار خەلقئاراغا كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلانغانلىرىنىڭ بىر قىسمى. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى نېلسون ماندېلانى زورۋانلىق يولىغا مەجبۇرلىغان ۋەقەدە پەقەت 56 كىشى ئۆلگەن، 28 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان سان بويىچە ئېيتقاندا 113، بىزنىڭ ھېسابىمىزچە 2000 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۈگۈر قەتلىئامىدا خىتاينىڭ ئېتىراپى بويىچە 57 بىزنىڭ ئېنىقلىشىمىزدا 200چە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ۋەقەلەردىن ئەڭ دەسلەپتە تىلغا ئالغىنىمىز، شى جىنپىڭ تۇنجى شىنجاڭ زىيارىتى داۋامىدا يۈز بەردى. ۋەقەلەردىكى تەپسىلاتنىڭ توغرا خاتالىقى، ھەرىكەتنىڭ ۋە شەخس-تەشكىلاتلارنىڭ ئاق-قارىلىقىنى بىر چەتكە قويايلى، مۇشۇنچىلىك كۆپ شىددەتلىك ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى‏-خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تېررىتورىيىسىنىڭ 1/6قىسمىدا مەۋجۇت بولغان مۇشۇنداق بىر مەسىلە نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا يەر ئالمايدۇ؟ ئۇنتۇلۇپ قالغانمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، كىچىك چاغلاۋاتامدۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس. بېسىقتۇرۇپ بولدىمۇ ؟ تېخىمۇ ئۇنداق ئەمەس، توغرىسى تىلغا ئېلىشتىن قورقتى ، ھىچبولمىدى دېگەندە خالىمىدى. چۈنكى بۈگۈنكى ۋەزىيەت بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر. بۈگۈن ئونمىڭلارچە كىشى تۈرمىدە جازا مۇددىتىدىن ئۆتەۋاتقاندىن باشقا بىر مىليونغا يېقىن كىشى بۇ يىل 3 ‏-ئايدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا. بۇ لاگىرلارنىڭ بۇنىڭدىن 80 يىللار بۇرۇنقى ناتسېست گېرمانىيسى تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن مەيلى شەكىل، مەيلى خاراكتېر جەھەتتىن پەرقىسىز ئىكەنلىكىنى خىتاي ياخشى بىلىدۇ.
شۇنداق، خىتاي ئۇيغۇر ”بۆلگۈنچىلەر“ نى ئاشكارا تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى، چۈنكى ئۇنى تىلغا ئالسا دىققەت بىر قېتىم شەرقى تۈركىستانغا قادىلىدۇ، ئاخباراتنىڭ دىققىتى رايونغا بۇرالسا، مەزكۇر لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭدىكى چۆچىتەرلىك ئادەم سانى دۇنياغا ئاسانلا ئاشكارىلىنىدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىگە قارىماي ئامېرىكادىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ لاگېرلار ھەققىدە يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 50دىن ئارتۇق خەۋەر ئىشلەپ بولدى. خەۋەرلەردىن ئىككىسىدە دېيىلىشىچە يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدا 2000چە كىشى قاماقتا؛ قاراقاشنىڭ 30500 نوپۇسلۇق پۇرچاقچى يېزىسىدا 4000چە كىشى قاماقتا. خىتاي، دۇنيادىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ دىققەت تارتىپ بولالمىغان بۇ ۋەزىيەتنىڭ دۇنياغا سىر پېتى قېلىشىنى ئارزۇ قىلدى.

شۇنداق، شى جىنپىڭ دوكلاتىدا شەرقى تۈركىستان ”تېررورچىلىرى“نى ئەيىبلىمىدى، چۈنكى ئەيىبلىسە، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا قۇرئانى كەرىم ۋە جاينامازلارنى يىغىۋالغانلىقىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، مەسچىتلەرنى نېمە ئۈچۈن قىسقارتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئالغان 2050 ‏-يىلى دۇنيانىڭ بىرىنچى قۇدرەتلىك دۆلىتىگە ئايلىنىش غايىسىنى بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن مۇسۇلمانلار جۇغراپىيىسى مەزكۇر يولنىڭ غول ئېقىمى. خىتاي پۇل ۋە دىپلوماتىك كۈچى ئارقىلىق مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا، ئىسلامى مۇبارەك ئورۇنلارنىڭ ھاقارەت قىلىنىشىغا كۆز يۇمدۇرالىغان بىلەن مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرالمايدۇ، ئېغىزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ، ئۈچ خىل كۈچلەر ھەققىدىمۇ، جۈملىدىن دىنىي رادىكاللار ھەققىدىمۇ توختالمىدى. ”رادىكاللار“نى تازىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياق، شى جىنپىڭ ئېغىر كېسىملەر، سوتسىز ئۆلۈملەر، كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇنلار ئارقىلىق، پالتا-پىچاقلىق ھۇجۇملارنى ئازايتالىغان بولسىمۇ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ نەپرىتىنى بېسىقتۇرالمىدى، رايوننى شەكىلدە تىنجىتقان بولسىمۇ، ئادالەتنى ئىجرا قىلالمىدى. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى نەپرەتنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ”رادىكاللىق“نى يىلتىزىدىن تازىلاشقا ئەمدى رەسمىي ئاتلانغانلىقىنى ئىجرائاتلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلدى. ئۆز ئىچىدە يېپىق تەربىيىلەش دەپ ئاتالغان، ئەمما تەشۋىقاتىدا كەسپىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەركىزى دەپ ئاتىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن باشقا، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتا تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئەنە شۇ ئىجرائاتلاردىندۇر.
بىز شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە، جۈملىدىن 19 ‏-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىز: بىر مەسىلىنى تىلغا ئالماسلىق، ئۇ مەسىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس. ياخشى ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلىش. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق بىلەن ئۇنى كىچىكلىتىش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان شى جىنپىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىسى بايلىق پەرقىنى تەڭشەش ۋە خەلقنى تېخىمۇ بېيىتىش دەپتۇ، بىزچە، خىتايدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە مىللەتلەر مەسىلىسى ( ئەسكەرتىش: ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەس) ؛ مىللەتلەر بارۋەرلىكى مەسىلىسى ئەمەس، مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى مەسىلىسى؛ ئۆلكە ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى ئەمەس، بېسىۋېلىنغان زېمىنلارنىڭ ئازادلىقى مەسىلىسى. بىز ئاخىرىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ۋە 19 ‏-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى كۆز ئالدىدىكى بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلماي ۋە ئۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ 2050 ‏-يىلى دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى يەنە بىر يۈكسەك تون بىلەن سەمىگە سالىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

 

مەنبە: خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى