سۈنئىي ئاپتونومىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەل سورۇنىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سياسىي يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئاز سانلىقلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى دىققەت تارتتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يېڭى بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكى بايقالدى. گەرچە ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن  يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا خىتايلار قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(تۆۋەندە قىسقىچە ئۇ ك ھ ق دەپ ئېلىندى - تەرجىماندىن)نىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقتتا سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىدۇ. ئۇ ك ھ ق شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، چېن چۈەنگونىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىشلاردىكى ۋەكىللىك ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى گەرچە ئاپتونوم رايون دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار سىستېمىلىق ھالدا ھۆكۈمەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان، بولۇپمۇ ئەمەلىي ھوقۇقى بار بولغان ئورۇنلاردىن.» دېدى ئۇ ك ھ ق نىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات. « ئۇيغۇرلار رايوندىكى سىياسەت بەلگىلەشتە سۆز ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغاندەك ھېس قىلدى.»

 81 ئورۇنغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش شۇنى كۆرسەتتىكى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ %64 نى خىتاي ئەمەلدارلار ئىگەللىگەن، ئاپتونوم رايونغا نامى بېرىلەن ئۇيغۇرلار بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاران %20 نى ئىگەللىگەن. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، 28 پارتىيە سېكرىتارى ۋە ۋالىينىڭ %21 ى ئۇيغۇر. خىتايلار بۇ ئورۇنلارنىڭ %50 نى ئىگەللىگەن، باشقا مىللەتلەر %39 نى ئىگەللىگەن. ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، پارتىيە سېكرىتارى ۋە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ %24 ى ئۇيغۇر، %51 ى خىتاي، %15 ى باشقا مىللەتلەردىن، %10 ئورۇن بوش . شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، رايوندىكى ھوقۇقنىڭ مەركىزى بولغا پارتىيە ۋە ئارمىيەدە ئۇيغۇرلار يېتەرلىك دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلىنمىغان. نوپۇس سىتاتىستىكا مۇتەخەسىسى ستەنلىي تۇپسنىڭ 2010- يىلىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى: ئۇيغۇرلار %45.84، خىتايلار %40.48، قازاقلار %6.5، تۇڭگانلار %4.51، باشقا مىللەتلەر %2.67.

ئۇ ك ھ ق نىڭ بايقىشىچە، ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىشىدا ئېغىر كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، پارتكوم سېكرىتارلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئاران 11 پېرسەنتى ئايال(ئۇيغۇر ئاياللىرى پەقەت %4). ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، بۇ نىسبەت ئاران %6(ئۇيغۇر ئاياللار ئاران %1.5). ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئۇيغۇر سېكرىتار يوق. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك يۇقىرى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئاياللارنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز، ئۇيغۇر ئاياللار يوق دېيەرلىك. شىنجاڭنىڭ 2013- يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكا جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 11,450,000 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %48.7نى ئىگەللەيدۇ.

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»، «خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»، «خەلقئارا ئاياللارنى كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى»، «بارلىق مىللىي كەمسىتىشلەرنى يوقىتىش بويىچە ئەھدىنامە» ۋە «مىللىتى،ئىتنىك كېلىپ چىقىشى، دىنى ۋە تىلى جەھەتتىن ئاز سانلىققا تەۋە بولغۇچىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش بويىچە خەلقئارالىق ئەھدىنامە» قاتارلىقلاردا بەلگىلەنگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدە، ئاياللار ۋە ئاز سانلىقلارغا ھەقىقىي مەنىدە ۋەكىللىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم خىتاينىڭ «خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى»نى ماقۇللىشى ئۈچۈن بېسىم چۈشۈرۈشى ۋە خىتايدىن خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىمكانقەدەر ئاجىزلار توپىنىڭ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاياللارنىڭ سىياسىغا قاتنىشىشىدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئىشلاردىكى نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىدۇ. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئادىل جەمئىيەت بەرپا قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا ياردەم بېرىدۇ.

 

«سۈنئىي ئاپتونومىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەل سورۇنىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى» ناملىق دوكلاتنى بۇ ئۇلىنىشتىن چۈشۈرەلەيسىز:

http://turkistantimes.com/uploads/2017-10-30/political-representation-repor.pdf