ئۇيغۇرلار يەنە خىتاينىڭ توزىقىغا چۈشەرمۇ؟

مۇھەممەد ھۈسەين

  بىز ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ قېتىم خىتاينىڭ بىزگە قۇرغان توزاقلىرىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشتۇق. بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە ئىككىلا مىسال كەلتۈرەيلى: خىتاي كوممۇنىستلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەم كۈچىگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇرنى سوۋېتقا بېرىىدىغانلىقىغا كېلىشىدۇ ۋە غۇلجا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ سوۋېتقا چىقىپ كېتىشىگە كۆز يۇمىدۇ. بۇ ئەھۋالنى دەسلەپتە كۆرمەسكە سالىدۇ ۋە چىقىپ كېتىشكە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىپ، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوۋېتقا چىقىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ. چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. سوۋېتقا بېرىدىغان ئۇيغۇر سانى توشقاندا سوۋېتقا چىقىش ئۈچۈن چېگرا بويىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى پىلىمۇت بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ ۋە چىقىش يولىنى تاقىغان بولىدۇ. بۇنى بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل خەلقىمىز تۇزاق دېمەي، پۇرسەت دەپ چۈشەنگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئۆي – ۋارانلىرىنى، قوي- كالىلىرىنى شۇنداقلا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ مىراسىغا ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلار ئىگە بولغان ئىكەن.

  80- يىللاردىن كېيىن سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلغان بولدى. 90- يىللاردىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار جىھاد قىلىمىز دەپ ئافغانىستانغا توپلاشتى. خىتاي بۇنىڭغا شارائىت يارىتىپ بەردى، ئافغانىستان تەشۋىقاتىنى پەردە ئارقىسىدا ئۆزلىرى ياڭراتتى. بىر تەرەپتىن تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى جىھادىنى ئامېرىكىغا قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرىمىز ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى تارتىۋالغان، خەلقىگە يەتكىچە زۇلۇم قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنى ۋە زۇلۇملىرىنى ئۇنتۇپ، نىشاننى ئامېرىكىغا قاراتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە دۈشمەنلىك قىلدىمۇ؟ ياق. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئامېرىكىمۇ ياكى خىتايمۇ؟ مۇجاھىدلىرىمىز قىلىچنىڭ تىغىنى ئامېرىكىغا قاراتقانلىقىغا خىتاي خۇشال بولۇپ چاۋاك چالدى. ئەمما بىزنىڭ مۇجاھىدلىرىمىز خىتاينىڭ بۇ تۇزاقلىرىنى پۇرسەت دەپ چۈشىنىپ بېيجىڭ بىلەن كارى يوق، ئامېرىكىنى سۆكۈپ شۇئارلارنى توۋلىدى، ئامېرىكىنى بىرىنچى دۈشمەن دەپ بىلدى.

  توغرا، ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشكارا دۈشمىنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق، ئەمما خىتاي بارلىق ئىسلام ئەھلىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا دۈشمىنىدۇر. بۇنى ئۇلار كېيىنچە بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا كەچ قالغان بولىدۇ. خۇددى بىز ئۇيغۇرلار مەڭگۈ تاشلاردىكى خىتاي توغرۇلۇق يېزىلغان ھىكمەتلەرنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي، كېيىن پۇرسەت قولدىن كەتكەندە ئوقۇپ ئۆگەنگەنگە ئوخشاش.

  خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەبەدىي دۈشمىنىدۇر. بوسنىيە رەئىسى ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان سىربلارنى بىرىنچى دۈشمەن تۇتۇپ شۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن، خۇسۇسەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى ئۆتتى، بىكارغا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى كۆپەيتىۋالمىدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا باسچىلىقىدىكى ناتو قوشۇنى سىربلارنى ھاۋادىن بومبىلاپ، سىربلارنىڭ خورىكىنى چۈشۈردى ۋە قانخور مىلوسوۋىچنى قىستاپ، بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ بەردى. بۇ بىر ئەمەلىيەت، بىز خىيالىي ئىشلار بىلەن ئەمەس، دۇنياغا ئەمەلىيەتچانلىق بىلەم مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.   ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. بىز ئۈچۈن ھەممىدىن چوڭ دۈشمەن خىتايدۇر. بىزنىڭ كۈرىشىمىز خىتاي بىلەن بولىدۇ، ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەمەس.

 يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئالەمگە يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئون مىڭلارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشلىرىنى پاسپورتسىز چىگرادىن چىقاردى. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ تۇزىقىنى پۇرسەت بىلىپ ئۆي – ۋارانلىرىنى ئەرزان سېتىپ ئاقىۋىتى قاراڭغۇلۇق بولغان كەلسە- كەلمەس ھالاكەت يولىغا ئاتلاندى. ئۇلارنى توسقانلارنى ھەرخىل قالپاقلارنى كېيدۈرۈپ ئەيىپلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى سېتىلغان ئۇيغۇر ئادەم بىدىكلىرى ئارقىلىق ئاخىرى سۈرىيەگىچە ئېلىپ باردى. ئاندىن ئۇلارنى ۋىدىيولارغا تارتىپ «دائىش سېپىدىكى ئۇيغۇر تېررورچىلىرى» دەپ تارقاتتى.

 ئەرەب ۋە ئىسلام تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تېررورىست قىياپىتىدە كۆپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان قىلىپ نەتىجە قازاندى.

 ئۇيغۇر دېسە، تونۇمايدىغان كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى «دائىشچى»، «تېررورچى» دېگەن قالپاق بىلەن تونۇشقا باشلىدى. بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىغا قىلىنغان كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئىدى. ئەمما بۇ جىنايەتنى بىزنىڭ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ پىلانلىشى بىلەن مۇكەممەل ئورۇنداپ بەردى. دېمەك، سىنارىيەنى خىتاي ھاكىمىيىتى يازدى، ئۇيغۇرلار ئارتىست بولۇپ ئورۇنداپ بەردى. بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەخمەقلىق بارمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ يامان ئالدىنىش بارمۇ؟

خىتاي يەنە قانداق تۇزاقلارنى قۇرۇۋاتقاندۇ؟ بىز يەنە تۇزاقنى پۇرسەت بىلەرمىزمۇ؟ ياكى ئەقلىمىزنى تاپارمىزمۇ؟  ئاللاھ بىلىدۇ.