ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ باش - ئاخىرى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8- نويابېر بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. يېقىندا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ترامپنى ھازىرغىچە ھېچ قايسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا قىلىپ باقمىغان «يۇقىرى ئۆلچەم» بىلەن كۈتىۋالدى. زىيارەتتىن بۇرۇنلا تاراتقۇلار پەرەز قىلغىنىدەك بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ يارقىن نۇقتىسى سودا ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى بولدى. گەرچە ترامپنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە  كۆپلەپ چاقىرىق ۋە تەكىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ترامپ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، مەيلى ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىرىدە بولسۇن، ياكى باياناتلىرىدا بولسۇن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۈمىدلىك بىرەر ئىپادە بىلدۈرمىدى.

 

كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى چاقىرىقلار

ترامپ خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش ۋە بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈش ھەققىدە چاقىرىقلار كۈچەيدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 6- نويابېر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماكرو رۇبىئو بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىسنىڭ 31- ئۆكتەبىر پرېزىدېنت ترامپقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا شى جىنپىڭ بىلەن ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار مەكتۇپىدا، پرېزىدېنت ترامپنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىرىنچىسى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى قاچان خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىسى ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئادىللىق جەھەتتە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە يەتمىگۈچە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك. ئۈچىنچىسى، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى قوغداشنى ئامېرىكانىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپى قىلىش. تۆتىنچىسى، خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداش ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئازاد قىلىنىش مەسىلىسىگە جىددىي قاراش. بۇ ماددا ئىچىدە، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭمۇ ئىسمى يەر ئالغان بولۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى جياڭ تىيەنيۇڭ، تاڭ جىڭلىڭ، ئىلھام توختى، گاۋ جىشىڭ، ليۇ شيا قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئالاھازەل 1400 نەپەردىن ئارتۇق سىياسىي جىنايەتچى بار دەپ تەخمىن قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» 7- نويابېر بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپتىن خىتاي زىيارىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان تۆت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ، «ئۇيغۇرلارغا تېررورچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بۇ قىسىمدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر سىز بىر ئۇيغۇر بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز ھەرەمگە ئۆز ئالدىڭىزغا ھەجگە بارغانلىقىڭىز ئۈچۈن تۈرمىگە ئېلىنىشىڭىز مۇمكىن. يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدە ‹رادىكاللىقنى تۈگىتىش مەركىزى› ياكى ‹سىياسىي ئۆگىنىش مەركىزى› ۋە ‹تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش مەركىزى› قاتارلىق نۇرغۇن مەركەزلەرنىڭ ئېچىلغانلىقى مەلۇم. بۇ مەركەزلەردە ئۇيغۇرلار 6-12 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، خىتاي سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆيىدە دىنى كىتاب ساقلىغانلىقى ياكى چەتئەلدە تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇنلارغا سولانغان. خوتەن قاتارلىق بەزى يەرلىك دائىرىلەر چىقارغان ئۇقتۇرۇشلاردا ھەتتا تاماكا چېكىشنىڭمۇ رادىكاللىق قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ ترامپقا چاقىرىقتا بۇلۇنغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ چاقىرىقىدا ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىن تىلغا ئېلىنغان.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 6- نويابېر بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى ھەققىدە خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشكە چاقىردى. مەزكۇر چاقىرىقتا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

ترامپنىڭ نەۋرىسىنىڭ خىتايچە شېئىر دېكلىماتسىيە قىلغان ۋىدېئوسى قويۇلماقتا.

 

ترامپ« يۇقىرى ئۆلچەمدە» كۈتىۋېلىندى

ترامپنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ، ترامپنى «دۆلەت ئشلىرى زىياىتى +» ئۆلچىمى بويىچە كۈتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.كۈتىۋېلىش مەسىلىسى خىتاي تاراتقۇلىرى بەس - بەستە خەۋەر قىلغان تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. دىققەت تارتقان نۇقتىلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە.

ترامپنى كۈتىۋېلىشقا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جيېچى چىققان. ئىلگىرى بۇش ۋە ئوبامانى كۈتىۋېلىشقا شۇ ۋاقتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چىققان. بۇ قېتىم سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە دۆلەت كومىسسارى بولغان ياڭ جيېچى ئايرودرومغا كۈتۈۋالغان.

شى جىنپىڭ ئەر - ئايال ترامپ ئەر - ئايالنى گۇگۇڭ سارىيىدا كۈتىۋالغان. گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ بۇ جاينى زىيارەت قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ترامپنىڭ بېيجىڭغا چۈشۈپلا بۇ يەرگە كېلىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى كېلىپ كۈتۈۋېلىشى دىققەت تارتقان.

زىيارەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 9- چېسلا، شى جىنپىڭ ترامپنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەر باشلانغان.

ترامپمۇ شى جىنپىڭنىڭ «ئادىمگەرچىلىكى»گە قارىتا، نەۋرىسىنىڭ خىتايچە شېئىر ئوقۇغان ۋىدېئوسىنى كۆرسىتىشنى ئۇنۇتمىغان.

 

250 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى

ترامپ ۋە شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ئارىسىدا 250 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ بىر چوڭ «مېۋىسى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى. ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى. لېكىن ، رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلاردا بۇ كېلىشىملەردىكى تۈرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاللىبۇرن پىلانلىنىپ بولغانلىقى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا چەكلەش كۈچى بولمىغان چۈشىنشى ئەسلەتمىسى(مېموراندۇم)، قاتارلىقلار بولۇپ، رەسمىي توختام ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ كېلىشىم ۋە توختاملارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە.

 ئالياسكا شىتاتىدا بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇش ، سېلىندىغان مەبلەغ سوممىسى 43 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ.

بوئىن شىركىتىدىن 37 مىليارد دوللارلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش توختامى ۋە ۋەدىسى.

ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكترون شىركىتىدىن 3 مىليارد بەش مىليون دوللارلىق ئايروپىلان موتورى ۋە تۇربىنا سېتىۋېلىش.

 

ترامپ خىتاينىڭ ئورنىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىنى ئەيىبلىدى

خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزا - ئارا سودىدا ئىزچىل تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى. ترامپ پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودىدا خىتاينى ئادىل بولمىغان ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككىلا تەرەپكە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

شىمالىي كورىيە مەسىلىسى

ترامپ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ، شىمالىي كورىيە كرىزىسىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىشىنى تەكىتلىدى. ئۇ شى جىنپىڭنى شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلسىىدە پيوڭياڭغا يەنىمۇ قاتتىق بېسىم چۈشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

 

زىيارەتتە كۈتۈلگەن نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتىمۇ؟

تاراتقۇلار ترامپنىڭ خىتايدا سودا ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى بىلەن بولۇپ، ئىقلىم ئۆزگىرىشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق باستۇرۇشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىدى. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «پىكىر ئالماشتۇرۇغانلىقى»نى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن تەپسىلاتى نامەلۇم(بەلكى يوق).

زىيارەتتىكى ئاساسلىق نۇقتا بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە قىزىل رەقەم مەسىلىسىدىمۇ ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش يوق. ئىككى رەھبەر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. سودا مەسىلىسى بولسۇن، ياكى شىمالىي كورىيە مەسىلىسى بولسۇن قانداق ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىدى.

 

خۇلاسە سۈپىتىدە

ئانالىزچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،خىتاي كاتتا زىياپەت ۋە سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىق، ترامپنى سودا ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە خىتايغا چۈشۈۋاتقان بېسىمنى يەڭگىللىتىشكە، زېمىن مەسىلىلىرىدىكى مەنپەئەتىنى ۋە  خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ چوڭ رول جارى قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى ئېتىراپ قىلىشقا كۆندۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان.

خىتاي بىلەن ئىمزالىغان سودا كېلىشىملىرى ئامېرىكىنى مىڭلىغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىشسىزلىقنى ئازايتىش ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى «ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئىزچىل يېقىنلىق ۋە يۇقىرى كەيپيياتنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ، سودا كېلىشىملىرىدىن باشقا، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر بولغا سودا قىزىل رەقىمى ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە بىرەر يېڭىلىق يوق. 

 

ئارمان تەييارلىدى