ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!

1933- يىلى 12- نويابېر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 84 يىللىقى ۋە 1944- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 73 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! بىزگە بۇ قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنى مىننەت بىلەن ياد ئېتىمىز ۋە يەنە بىر قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئەڭ تېز ۋاقتتا دۇنياغا كېلىشىگە تىلەكداشمىز!

20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۇنيادا مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. دۇنيانىڭ كونا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەسىرلەرگە سوزۇلغان دۇنياغا خوجا بولۇش چۈشلىرى دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈش كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان دۇنيا ئۇرۇشلىرى بىلەن يوققا چىقتى. ئالامشۇمۇل ئىمپېرىيەلەر چوڭ – كىچىك مىللىي دۆلەتلەرگە پارچىلاندى. ئەپسۇسكى، بۇ ئۆزگىرىشلەر دۇنيادا مۇستەملىكە ۋە زۇلۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىدىن دېرەك بەرمەيتتى. ئەكسىچە، مۇستەملىكىچىلەر، مۇستەملىكە شەكىللىرى ۋە ۋاستىلىرى ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي ۋە تەخىرسىز ئويلىنىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى – دۇنيادا مۇستەملىكە، جاھانگىرلىك، زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمغا قارشى ھۆرلۈك، ئازادلىق، مۇستەقىللىق ۋە ئادالەت سادالىرى كۆتۈرۈلدى. ئىشغال ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇردى ياكى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى.  لېكىن، تارىختىن بۇيان ھۆر ۋە ئەركىن ياشاپ كەلگەن بەزى مىللەتلەر بولسا، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈش سودىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان، دۇنياغا دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە مۇكەممەل دۆلەت ئىدارە قىلىش نەزەرىيىىسنى سوۋغا قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ سودىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋە قىيىن بىر تارىخىي شارائىتتا شۇ دەۋرگە ئۆرنەك بولغان ۋە ئارىدىن ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ مىللىي مەۋجۇدلىقىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىزنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئىدى.

1930- يىللارنىڭ باشلىرىدا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب – شىمالىدا، قۇمۇل تاغلىرىدىن تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىگىچە بولغان بىپايان زېمىندا ئىشغال ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت ئاساسىغا تىكلەنگەن دۆلەت قۇرۇش غايە ۋە نىشانلىرى، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە مۇكەممەل دۆلەت ئاپپاراتى بولغان، مۇستەقىل بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق تۈزۈلمە ۋە تەشكىلات سىستېمىسىغا ئىگە بولغان بۇ جۇمھۇرىيىتىمىز،  ئەينى دەۋردىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، خۇسۇسەن رۇس ۋە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ھىيلە – مىكىر ۋە بىۋاستە قوراللىق باستۇرۇشلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمىدى. گەرچە ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتەر – ئۆتمەيلا جۇمھۇرىيەتنىڭ تارقىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيىتىمىز بىلەن تەڭ تىكىلگەن مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك ئۇرۇقى بىخلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندە بۇ ئۇرۇق بىخلىنىپ، كۆكلەپ مېۋە بەردى. 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، دەل بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنىدە، غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. بۇ جۇمھۇرىيىتىمىز سايىسىدە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا بەش يىل جەۋلان قىلدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئارزۇسى ۋە بۇ يولدا تۆلىگەن بەدەللىرى خەلقئارا كۈچلەرنىڭ – يېڭى دەۋردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىشىغا كەلمىگەن ئىدى. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان «يۈز يىللىق ئار - نومۇس»نى تېخى ئاقلاشقا ئۈلگۈرمىگەن، ئۆز ئىچىدىكى تەپرىقىچىلىق ۋە بۆلۈنۈشنى تۈگىتىپ بولالمىغان، دۇنياۋى كۈچ بولۇشنى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان خىتايلارغا «تارتۇق» قىلىۋېتىلدى.

 

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا «ئەجنەبىيلەر»دىن ئىمپورت قىلغان سەپسەتە بىلەن مىليونلىغان كىشىنىڭ قېنى بەدىلىگە دۆلەت قۇرغان خىتاي كوممۇنستلىرىغا نىسبەتەن بۇ خۇددى «تېزەككە گۈل سانجىغاندەك» بىر ئىش بولغان ئىدى. ھەقىقەتەن، گۈلنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان بۇ ئىشغالچىلار، باغۇ – بوستانلىق گۈزەل ۋەتىنىمىزنى خارابىلىككە، زىندانغا ئايلاندۇردى. ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلدى، كۆيدۈرۈپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ يوقاتتى. قەلبىدە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ، غۇرۇر – ۋىجداننىڭ، ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنىڭ زەررىچە نۇرى بولغان ھېچكىمنى ساق قويمىدى. لېكىن، بۇ مىللەت تىز پۈكمىدى، بويۇن ئەگمىدى، قانلىق بەدەللەر تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ.

مانا بۈگۈن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەجدادلارنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراسلىرىنى ئۆزىمىزگە تەۋەرۈك قىلىپ، شۇنىڭدىن كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىپ، شۇ سەۋدا ۋە شۇ غايە بىلەن ھۆرلۈك كۈرىشىمىزنى دۋام قىلماقتىمىز.

بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرغان ۋە قۇرۇشقا ئەجىر – مېھنىتىنى سىڭدۈرگەن پىداكار خەلقىمىزگە، جەسۇر ۋە مەردانە ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا ئالىي ئىېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر تىلەيمىز! يەنە بىر قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىتىمىزنىڭ ئەڭ تېز پۇرسەتتە دۇنياغا جاكارلىنىشىغا، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ يۇرتىمىز ئاسمىنىدا تەكرار جەۋلان قىلىشىغا، تارىم، جۇڭغار ۋە ئىلى ۋادىلىرىدا ئەزان سادالىرى ۋە مۇستەقىللىق مارشىنىڭ قايتىدىن ياڭرىشىغا، ھازىردار خەلقىمىزنىڭ مۇسىبەتتىن تېزراق قۇتۇلۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

ھۆرمەت بىلەن:

«تۈركىستان ۋاقتى» تەھرىراتى

2017- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى