خىتاي دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم خىتاينى يەرشارىلىشىشنىڭ ھىمايىچىسى دەپ تەسۋىرلىدى. تاراتقۇلار، بۇ خىتاينىڭ دۇنيا ئەركىن سودىسىدا رەھبەرلىك رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى بىر تىرىشچانلىقى دەپ قارىدى. شى جىنپىڭ تېخى يېقىندا خ ك پ نىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كۈنسايىن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ دۇنيادىكى رولى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە، ئۇنداقتا، خىتاي دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟ خىتاي قاچان دۇنيانىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچىسىغا ئايلىنالايدۇ؟

 

شى جىنپىڭدىن ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش سىگنالى

10- نويابىر شى جىنپىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كارخانىچىلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشتا يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇش كېرەكمۇ؟ دەپ سوئال قويغان ۋە جاۋابى بولسا، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، دېگەن.  

شى جىنپىڭ نۇتقىدا TPP(تىنچ ئوكيان ھالقىغان شىرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى) بىلەن تىركىشەلەيدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تاشقى سىياسىتى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا بەرگەن ئۇچۇرلىرى ئوخشاش مۇنبەردە ئۆزىدىن سەل بۇرۇن سۆزگە چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئامېرىكا بىرىنچى» تەشەببۇسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ «تام رېمۇنت قىلش» بىلەن ئاۋرە بولۇۋاتقاندا، شى جىنپىڭ ئەكىسچە «كۆۋرۈك ياساش» ھەلەكچىلىكىدە يۈرمەكتە ئىكەن. «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» قاتارلىق ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، ترامپ نۆۋەتتە دۇنياۋى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قوش قوللاپ خىتايغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكتە ئىكەن.

 

ترامپ خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى ياۋرو – ئاسىيا گوروھىنىڭ رەئىسى ئىيېن برىمېر(Ian Bremmer)نىڭ ئېيتىشىچە، ترامپنىڭ تەك تەرەپلىمىلىك سىياسىتى شى جىنپىڭغا مۇتلەق ياخشى پۇرسەت تەمىنلىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەيدان شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ يەرشارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشىگە شۇنداقلا خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك قارا نىيىتىنى يەنىمۇ ئالغا سۈرۈشىگە يېتەرلىك پۇرسەت بەرگەن.

ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدا، ئامېرىكىنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، «ئامېرىكا بىرىنچى» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ TPP ۋە پارىژ ئىقلىم كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

لېكىن، برىمېرنىڭ كۆرسىتىشچە، خىتاي كۆپ تەرەپلىك يەرشارىلىششىنى قوللىمايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى «خىتاي ئەندىزىسى»، يەنى ئاتالمىش «بېيجىڭ ئورتاق تونۇشى» ئىكەن. بۇ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش، بولۇپمۇ ئۇل – مۇئەسسەسە ساھەسىگە سالغان مەبلەغ ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىنى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىغا كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي غەرەز يوشۇرۇنغان.

 

خىتاي تېخى بىر «مۇكەممەل بولمىغان» چوڭ دۆلەت

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد شامبو(David Shambaugh)نىڭ يېقىندا ۋاشنگتوندا چاقىرىلغان خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دۇنياۋى رولى ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، 2012- يىلىدىن كېيىن، يەنى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان ئۆزگىرىش روشەن بولغان.

داۋىد شامبونىڭ «خىتاينىڭ كەلگۈسى» ناملىق يېڭى كىتابىغا ئىمزا قويۇپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى، 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى

لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا قالدۇرۇپ كەتكەن ھوقۇق بوشلۇقىنى تولدۇرۇش – تولدۇرالماسلىقىغا قارىتا كۈچلۈك گۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە پەقەت يەرشارىلىشىشنىڭ بىر قاتناشقۇچىسى (GlobalActor) بولۇپ، تېخى دۇنياۋى چوڭ دۆلەت (دۇنياۋى كۈچ) ئەمەس ئىكەن، بەش – ئون يىلغىچە بولالىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ 2014- يىلى خىتاي بىر مۇكەممەل بولمىغان چوڭ دۆلەت دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بولۇپمۇ شى جىنپىڭ خەلقئارا سەھنىدە «بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان» بولۇپ كەتكەن، لېكىن، ئۇ تېگىگە يېتەلمىگەن بىر زىددىيەت بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقۇرۇشىنىڭ «بارغانسېرى بىخەتەر ئەمەس» بولۇپ كۆرۈنۈشى ئىكەن.

 

خىتاي خەلقئارا سەھنىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىشتا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقا بىر پروفسسورى روبېرت ساتېر(Robert Sutter)نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زامانىۋى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىپ رەھبەرلىك قىلغۇچىغا ئايلىنىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. چۈنكى خىتاي ھەر خىل چەكلىمە ۋە شەرتلەرگە دۇچ كېلىدىكەن. بۇ خىل چەكلىمىلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش تەرەپتە ئىپادىلىنىدىكەن.

بىرىنچى چەكلىمە دۆلەت ئىچىدىن كېلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى رەھبەرلىكىنىڭ قانۇنلۇقلىقى مەسىلىسى، چىرىكلىك مەسىلىسى، ئىچكى قىسىمدىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي جەمئىيىتى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كومپارتىيەنىڭ بىر پارتىيە مۇستەبىتلىكىنى قوغدىشى ئۈچۈن غايەت زور چىقىم كېتىدىكەن، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىشلاردا بەك سېخىي بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئىككىنچى، خىتاي بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا بېقىندىلىقى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى. بۇمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا ئىشلاردا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، خالىغىنىنى قىلالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

ئۈچىنچى، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئورنى مۇقىم ئەمەس، خىتاي بىلەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىناق ئەمەس. خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشماقتا. شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنى تېخى ئەمدى ياخشىلىدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى ئەمەس.

تۆتىنچى، خىتاي بىلەن دۇنياۋى كۈچلەر ئارىسىدا يەنىلا ئارىلىق مەۋجۇت. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، خىتاي تاراتقۇلىرى سىزنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا، تەسىرىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ. لېكىن، خىتاي خەلقئارا ئىشلاردا «قوش مەنپەئەت»نى تەكىتلەيدۇ، ئەكىسچە ھەقىقى ياردەم بېرىش ئەمەس. ئەگەر باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ قەرزلىرىنى تۆلىيەلمىسە، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىىڭ مال – مۈلكىنى رەنىگە قويىدۇ، بۇ خىتاينىڭ نۇرغۇن مېتودىنى مۇستەملىكە دەۋرىدىكىدىن ھېچبىر پەرقى يوق قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن خەلقئارا تۈرلىرى ھەقىقى تۈردە يولغا قويۇلمىغان.

بەشىنچى، خىتاي بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۆتمۈشتىكىدەك كۈچلۈك ئەمەس، بۇ ئۆتمۈشتە خىتاينىڭ غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچى بولغان. سودا كوزورىنىڭ خىتايغا بولغان رولى ئىلگىرىكىدەك چوڭ ئەمەس.

ساتتېر باشقا بىر ئامىلنىمۇ تىلغا ئالدى، ئۇ بولسىمۇ مەيلى ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار ۋە باشقا مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كۈچلۈك دۆلەت بولۇش يولىدا نۇرغۇن توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ. شى جىنپىڭ دۆلەتنى كۈچەيتىش يولىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، لېكىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت خىتايغا قارىتا «مۇداپىئەلىنىش» پوزىتسىيەسى تۇتماقتا.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوڭ دۆلەت ئوبرازى يارىتىۋاتقان بولۇپ، پۇقرالارمۇ بۇنى قوللىغان، لېكىن ھۆكۈمەت پۇقرالارغا خىتاينىڭ «كۈچلۈك دۆلەت»كە ئايلىنىشىنىڭ ئاسەن ئەمەسلىكىنى، نەتىجىسىنىڭ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتمىغان.

 

تەرجىمىدە ئارمان

ئىزاھات: «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خىتايچە تورىدا 14- نويابېر ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۇنيا سەھىنىسىنىڭ مەركىزىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟» ناملىق ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.