«فاينانشال تايمىز»: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چوڭ تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى

سامىر مۇھەممەد

  ئەنگىلىيەنىڭ «فاينانشال تايمىز» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىچە بىخەتەرلىك قانۇنى لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ قانۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىگە تەسىر قىلماقتا.

گېزىتتە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سەپەرۋەرلىكى كۆپ ۋاقىتلاردىن بېرى خىتاينىڭ ۋەھشىي زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان خىتاي مىللىتىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر ئاكادېمىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاساسلىق مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق ئايرىمچىلىق، ھاكىمىيەتكە ئىگە بولغانلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىگە بولالمىغانلار ئوتتۇرىسىدا بولماقتا.»

 ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرستېتىدىن دارىن بېلىر شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، تۇتۇش ۋە قاماش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلەرنىڭ رايوننىڭ چوڭ تۈرمىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

گېزىتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «رايوندىكى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش، تۇتۇش ۋە قولغا ئېلىش قاتارلىق رايون ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. 2010- يىلدىكى رەسمىي ستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى 23 مىليون بولۇپ، بۇلارنىڭ 11 مىليونى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن مىڭلارچە كىشى «ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» نامىدىكى تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولۇپ، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بىرەردىن يېقىنى تۈرمىدە. «ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى»گە تۇتۇلغانلار كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دىنسىزلىق تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىمۇ ئۇلارغا كۆپلىگەن دەرت – ئەلەملەرنى ۋە خاپىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. خىتاي ساقچىلىرى ھەرقانداق ئادەمنى يوللاردا توختىتىپ، ئۇنىڭ يانفونىنى تەكشۈرىدۇ. بۇنداق تەكشۈرۈشتىن مەقسەت، يانفوندىن بىرەر ئىسلامىي نەرسە تېپىپ يانفون ئىگىسىنى تۇتقۇن قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

 

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ھۈسەين