خىتايدا بىر مەكتەپتە 74 ئوقۇغۇچى ئۆپكە سىلى بىلەن يوقۇملاندى

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى تاۋجياڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ ھالدا ئۆپكە سىلى(تۇبېركۇليوز)گە گىرىپتار بولغان. مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ ئىشنى نەچچە ئايغىچە يوشۇرغاندىن كېىن ئاندىن ئاشكارىلانغان.

بۇ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچىدا بۇ يىل 1- ئايدىلا ئۆپكە سىلى بايقالغان بولسىمۇ ئاشكارىلانمىغان. 8- ئايدا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپىدا بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىغا ئۆپكە سىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئارقىدىن يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يوقۇملانغان.

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا داۋالىنىشقا رۇخسەت بەرمىگەن. مەكتەپ مۇدىرى ئادەم ئۆلمىسە رۇخسەت بېرىلمەيدۇ، دەپ چىڭ تۇرىۋالغان. بەزى  ئاتا – ئانىلار قاتتىق نارازىلىق كۆرسىتىپ يۈرۈپ پەرزەنتلىرىنى ئۆزى ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈپ كېسەل بىلەن يوقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىنمىغانلىقتىن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى يوقۇملانغان.

 يەرلىك دائىرىلەر ئىزچىل بۇ ئىشنى ئېلان قىلمىغان ۋە ئاخباراتتا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسىلىكى ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان.

11- ئاينىڭ 16- كۈنىگە كەلگەندە ئۆپكە سىلى بىلەن يوقۇملانغان ۋە داۋالانغان ئوقۇغۇچى سانى 74 كە يەتكەن. لېكىن بۇ ھادىسە 17- نويابېرغا كەلگەندە ئاندىن خىتاي ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنغان.

دوختۇرلار دوا قىلغاندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ بەدىنىگە قىزىل تەمرەتكە چىقىپ كەتكەن. ئوقۇغۇچىلار قورقۇپ مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق يېيەلمىگەن.

ئۆپكە سىلسى سىل تاياقچە باكتېرىيەلىرىنىڭ ئۆپكىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە  ئۆپكىدە جاراھەت ۋە كاۋاك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىتما ئارقىلىق بەدەننى جۇدىتىدىغان ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا يىلىغا ئۈچ مىليون كىشى بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقىملىنىپ ئۆلىدىكەن. خىتاي دۇنيادىكى ئۆپكە سىلى بىلەن يۇقىملىنىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.