ۋايمېر شەھرىدىكى تېپىشماق

خىتاي ۋايمېر (Weimar)   شەھرىدىن ئۇلارنىڭ  ئىلھام توختىغا بەرگەن ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى قايتۇرىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋايمېر شەھرى بۇنى ئەلۋەتتە رەت قىلغان. ئەمما، شۇندىن بېرى غەلىتە ئىشلار يۇز بەرگەن.

ئاپتور: Kai Strittmatter

بېيجىڭ - بۇندىن ئۈچ يىل ئالدىدا خىتايدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۇنىۋېرستىت پروفېىسورى ئىلھام توختىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندا، ئىلھام توختىنىڭ دوستى بېيجىڭلىق ئىنسان ھەقچى خۇجىيا جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى(Süddeutsche Zeitung) مۇنداق دىگەن ئىدى: "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆتمۇ ياكى قەستەن بۇنداق زالىممۇ، مەن بۇنى بىلمىدىم". بېيجىڭدىكى بۇ پارتىيەنىڭ باشقىچە ئويلايدىغانلارنى ياقتۇرمايدىغانلىغى ھەر كىمگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قەدەر ئېغىر سوت ھۆكۈمنىڭ قېيىشقاندەك ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئەينى ۋاقىتتا مەيلى ئىنسان ھەقچىلىرى ياكى دىپلوماتلار بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ئىدى.  كۆپلىرى ئىلھام توختىنى يېقىن بىلەتتى، بۇ ئاكادېمىك ئۆزىنى خەنزۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقى، خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك ياسىغۇچى دەپ بىلەتتى.  ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەھۋالىنىڭ ئاخىرىدا قېلىپ قالغان بىردىن بىر ئاۋازى ئىدى. "ئۇلار پۇتۇن دۇنياغا ئىلھام توختىنى ئۇنۇتقۇزماقچى" دىگەن ئىدى خۇجىيا.

بۇ مەقسەت بىلەن ئۇ سوت ھۆكۈمنىڭ نەتىجىسى سېلىشتۇرۇلسا، بېيجىڭنىڭ نەزىرىدىن ئېلىپ ئىيتىلغاندا، بۇ نەتىجە ئىككى بىسلىق (يۈزلۈك). ھەئە، ئىلھام توختى يالغۇز كىشىلىك كامىردا ياتىدۇ، ئۆز يۇرتى شىنجاڭدىكى كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقان بېسىملارنى تەكىتلەيدىغان زىيارەتلەرنى بىرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگەلمەيدۇ، ئۇلارنى تەنقىت قىلالمايدۇ، خەنزۇلار بىلەن ئاساسلىق مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى (دىيالوگ)، يەنى ئۇيغۇرلارمۇ تەڭ سۆزلىيەلەيدىغان بۇ سۆھبەتلەرنى توختىماي تەلەپ قىلالمايدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ئىچىدە بۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يۇقۇرىدىن ئورۇنلاشتۇرغان كوللېكتىپلىق ئەس يوقۇتۇش (ئىلھام توختىنى ئۇنۇتقۇزۇش) غەلبىلىك مەشق قىلدۇرۇلغان بىلەن، بۇ خىتاينىڭ سىرتىدا ئەمەلگە ئاشمىدى. مەسىلەن، ئۆتكەن يىل ئىلھام توختى جەنۋەدە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم 10 ئىنسان ھەقلىرى جەمىيەتلىرى بىرلىشىپ بېرىدىغان مارتىن-ئەننالس مۇكاپاتىنى Martin Ennals Preis ئالدى.

 

باشتا توربەتتىكى مەزمۇنلار يوقاپ كەتكەن، كىيىن تور بەتنىڭ ئۆزى ئېچىلمىغان

 

بۇ يىل، ئۆزى كىچىك ئەمما تارىخى بۈيۈك شەھەر ۋايمېر خىتاينىڭ سۈكۈتى ئۈچۈن شاۋقۇنلۇق بىر سادا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى: 6. ئاينىڭ ئاخىرىدا شەھەر ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ۋايمېر ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى "راھەتسىز ئاگاھلاندۇرغۇچى" ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: ئىلھام توختى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان تىنچلىق يولى بىلەن ھارماي-تالماي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "ھەددىدىن ئېغىر ئەھۋالىنى" كۆرسىتىپ (تونۇتتۇرۇپ) كەلگەن. ئەممە شۇ قاراردىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلار ۋايمېرلىقلارنى چۆچۈتكەن. ساشا ئۆخمې Sascha Ohme، شەھەر ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا مەسئۇل ئادىمىنىڭ دېيىشىچە، شەھەر ھۆكۈمېتىنىڭ خاتىرىلەش ئىشخانىسىغا بۇ مۇكاپات قارار قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسىدىن تېلېفون ئۇرۇلغان. ئەلچىخانىنىڭ بىر ئايال خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن: بۇ مۇكاپات قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىنىشى كېرەك دىگەن. بىرنەچچە ھەپتىدىن كىيىن، ئۆخمې ئەپەندى دەم ئېلىشىدىن قايتىپ كېلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ توربېتىنى (menschenrechtspreis.de) ئاچماقچى بولغىنىدا، كۆزىگە ئىشىنەلمىگەن: "بىزنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا كىرگۈزگەن پۈتۈن مەزمۇنلار ئۆچۈرىۋېتىلگەن". بۇ يىلقى مۇكاپات ئالغۇچى ئىلھام توختى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ خۇددى بىر سېھرىگەرلىكتەك يوقاپ كەتكەن. شەھەر ھۆكۈمىتىدىن بۇ مۇكاپاتنىڭ توربېتىنىڭ مەسۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان شەخسى مېدىئا ئاگېنتۇرىسى بۇ ئۆچۈرۈلۈشلەرنى چۈشىنەلمىگەن. بۇندىن ئىككى ھەپتە ئالدىدا تېخىمۇ قىززىق ئىش بولغان: بۇ تور بەت پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. توردىكى ئىزلەشلەر ياكى مائۇس بىلەن چېكىشلەر ھىچ يەرگە ئۇلانمىغان. ئۆخمې مۇنداق دىدى:" بىز ھىچقاچان بۇنداق ئىش كۆرۈپ باقمىغان، بىزنىڭ پەرىزىمىزچە، بۇ تور بەت خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى". ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى تۈرىڭېن مەلۇمات گېزىتىنىڭ (Thüringer Allgemeine) يېزىشىگە قارىغاندا، تېخى ئىسپات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خاككېر ھۇجۇمىنىڭ "خىتايدىن نىشانلىق كەلگەن ھۇجۇم" ئىكەنلىگى ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەن.

ۋايمېرلىقلار ئۇلارنىڭ بۇ ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىدىن پەخىرلىنىدۇ.  ۋايمېر شەھرىنىڭ باياناتچىسى رالف فىنكې (Ralf Finke)نىڭ دىيىشىچە، بۇ مۇكاپات ۋايمېر شەھرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇكاپاتى. ئىلھام توختىغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىش ۋاقتى، ئىلھام توختىنىڭ يۇرتى بولغان شىنجاڭدىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىشىپ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر باسقۇچقا كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى يازدا، ئۇنىڭ ئالدىدا تىبەتتە ھوقۇق تۇتۇپ قاتتىق قول بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن چېن چۈەنگو يېڭى پارتىيە سېكىرتارى بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن. شتۇتگارتتىكى (Stuttgart) شىنجاڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنتز(Adrian Zenz)گە ئاساسلانغاندا، چېن چۈەنگو ھوقۇققا چىقىپ بىر يىل ئىچىدە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا 80 مىڭ يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلغان - بۇ سان ئۇنىڭ ئالدىدىكى 10 يىل جەريانىدا بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىنىلغان يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇپ كېلىنىلگەن جەمئى سانىدىن 50% كۆپ  ئىكەن.  

 

ئىلھام توختى بۇرۇنلا بېسىمنىڭ زوراۋانلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى

 

بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ شەھەرلىرىدە ساقچىخانىلار رەتمە رەت قاتارلىشىپ كەتكەن: ھەر 500 مېتېر ئارىلىقتا بىر ساقچىخانا بار. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى(Human Rights Watch)نىڭ بىر دوكىلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدېن بىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارسىدا بالىلارمۇ بار،  خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا "ئەسەبىيلىككە قارشى تەربىيەلەش مەركىزى" ياكى "سىياسى تەربىيەلەش مەركىزى" دەپ ئاتىلىدىغان لاگېرلارغا ئەكىتىلگەن. لاگېرلاردا ئۇلار دىندىن تېنىشقا، پۈتۈن سادىقلىغىنى پارتىيەگە بېرىشكە مەجبۇرلانلانغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىسىنىڭ پارتىيە سېكىرتارى،  "بىر دىندار ئادەمنىڭ قېشىدا تاماكا چېكىشكە پېتىنالمىغان" دەپ ئاتالغان سەۋەپ بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. بېيجىڭدىكى Global Times  گېزىتى، بۇ ئارقىلىق رادىكاللىققا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن دەپ يازغان. بۇ گېزىتنىڭ يېزىشىچە، ئۇ سېكېرتار بۇ تاماكا چەكمەسلىگى ئارقىلىق "يەرلىك رادىكال كۈچلىرىنىڭ ۋەھىمىسى ئالدىدا مەغلۇب بولغان" مىش.

ئىلھام توختى بالدۇرلا ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىگىنىڭ كەمسىتىلىشىنىڭ ۋە ئاساسەن مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۆلكىسىدە جەمىيەت سىرتىغا قېقىلىشىنىڭ ئاخىرىدا رادىكاللىق ۋە زورلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىغىنى ئالدىن ئېيتقان ئىدى. ئەمما 2014- يىلى ئۇ "بۆلگۈنچىلىك" دېگەن گۇناھ بىلەن كېسىلدى، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بۇ گۇناھ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئىسپاتلىنالمىىدى. بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەر شۇكى: "ئىلھام توختى چەتئەللىك گۇرۇھ ۋە شەخىسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى خەلقارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىققان" دىيىلگەن. دىمەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش، ئاشكارىلاش،  مانا بۇ ئىلھام توختىنىڭ  جىنايىتى، بېيجىڭنى ئالاقزادە قىلغان جىنايىتى.

خىتاي ئەجەبا ۋايمېردىكىلەرگە بېسىم چۈشۈرۈپ ئاقىلانە ئىش قىلغانمىدۇ؟ لېكىن ۋايمېردىكىلەر ئۆزىنى قورقۇتقۇزۇپ قويمىدى. ئۆخمې مۇنداق دىدى: " ئەمدى بۇ تېمىنى سەزگۈر ساقلىماق لازىم، بولۇپمۇ ھازىر بارمىغىمىزنى ئاغرىيدىغان يارا ئۈستىگە تەككۈزىشىمىز كىرەك (خاپىچىلىق بولسىمۇ تەنقىت قىلىش كىرەك دىگەندەك)". 10- دېكابىر  مۇكاپات تارقىتىلىدىغان كۈن. ئىلھام توختى بۇ كۈننى ئۇنىڭ ئالدىدىكى مىڭ كۈندەك ئۆتكۈزىدۇ: ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى بىرىنجى تۈرمىدىكى كامىرسىدا.

مەنبە:Süddeutsche Zeitung