80 ياشلىق قازاق موماي تۇتۇپ كېتىلگەن

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىر چارۋىچىلىق مەيدانىدا، 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بىر مۇسۇلمان ئايال قۇرئان كەرىمنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى يوق ئىكەن.

چۆچەك شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بىر چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى 80 ياشقا يېقىنلاشقان بىر قازاق چارۋىچى ئايال بۇ يىل 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. قازاقىستانلىق بىر كىشىنىڭ 18- نويابىر شەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئېيتىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇ موماينىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان.

ئىگىلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ باشلىرىدا، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى موماينىڭ ئۆيىنى ئاختۇرماقچى بولغان. موماي يول قويمىغاندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەتكەن. ئارقىدىن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدرىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى موماينىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن. موماي ئۇلارنى چاي قويۇپ كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلارغا ئىككى ساقچىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغانلىق ئىشىنى ئېيتقان ھەمدە «جاننى ئاللاھ بەرگەن، ئاللاھقا قايتىدۇ، خىتايلارغا ئەمەس» دېگەن. ئارقىدىن ئىككەيلەن موماينىڭ قولىغا كويزا سېلىپ تۇتۇپ كەتكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن، نۆۋەتتە قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ پىچاق ۋە تىغلىق ئەسۋابلارغا كىملىك نومۇرى بېكىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

 

قازاقلارنىڭ بېشىغا ئەمدى كېلىۋاتقان بۇ كۈنلەر ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاللىبۇرۇن يېڭىلىق تويۇلمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىغان ياشانغان دىنىي ئالىم، ياشانغان ئاتا – ئانىلارنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقى، قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قسىمى يەنىلا ئاخباراتتا ئاشكارىلانمىغان. خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇر، قازاق دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان بولسا، ھازىر يەرلىك خەلققە، مۇسۇلمانلارغا بىر تۇتاش ھۇجۇم باشلىغان.