قۇرئاننىڭ ئاۋاز ھۆججىتى «ئۈچىنچى دەرىجىلىك تېررورلۇق بويۇمى» دەپ بېكىتىلگەن

خىتاينىڭ شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىر تۇڭگانغا توردا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى يوللىغانلىقى ئۈچۈن ئون كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن. تۆۋەندىكىسى جازالاش قارارنامىسىنىڭ  تەرجىمىسى ۋە خىتايچە نۇسخىسى.

 

شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چاڭئەن شۆبە ئىدارىسى

 مەمۇرىي جازالاش قارارنامىسى

قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ما چېڭسەي، ئەر، 1994-يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى توغۇلغان، نوپۇسى تۇرۇشلۇق يەر: چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدوڭ ۋىلايىتى، خۇالوڭ خۇيزۇر ئاپتونوم ناھىيەسى

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساقچىخانىمىز چاڭئەن شۆبە ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بىر تورداش كۇەييا يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق قۇرئاننىڭ MP3 ھۆججىتىدىن 11 نى ھەمبەھىرلىگەن، بۇ ھۆججەتلەر ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن بويۇملىرى دەپ بېكىتىلگەن، مەزكۇر تورداشنىڭ توردىكى كەڭ بەلۋاغلىق ھېسابىنىڭ ئادرېسى تەۋەلىكىمىزدىكى كاڭمۇ كەنتىدە ئىكەن. ساقچىخانىمىز ساقچىلىرى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىكى بىر لەنجۇ لەغمەنخانىسىدىن گۇماندار ما چېڭسەينى قولغا چۈشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ما چېڭسەي ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىنلىرىنى قانۇنسىز ساقلىغانلىق جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

يۇقىرىقى ۋەقەنىڭ: جىنايەتچىنىڭ ئىقرارى، ئۈن – سىن بويۇمى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلىرى بار.

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 80- ماددىسى 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ما چېڭسەيگە 10 كۈنلۈك مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى.

ئىجرا قىلىنىش شەكلى ۋە مۇددىتى: شىئەن شەھىرى چاڭئەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن شىئەن شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئەۋەتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ، ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە.

جەرىمانىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرمىسا، ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر كۈن ئۈچۈن جەرىمانە سوممىسىنىڭ يۈزدە ئۈچ نىسبىتى بويىچە جەرىمانە قوشۇلىدۇ، قوشۇلغان جەرىمانىنىڭ سوممىسى ئەسلىدىكى ساندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، بۇ قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە قايتا مۇزاكىرە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى ئۈچ ئاي ئىچىدە قانۇن بويىچە شىئەن شەھىرى چاڭئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

جازالانغۇچى ما چېڭسەي: مەمۇرى جازالاش قارارنامىسى ماڭا ئوقۇپ بېرىلدى ۋە يەتكۈزۈلدى، قايتا مۇزاكىرە قىلىشقا ئىلتىماس قىلمايمەن ۋە ئەرز قىلمايمەن (ئىمزا، بارماق ئىزى)

شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى (تامغا)

2017-11-09

 

 

ھۆججەتتىكى دىققەت تارتىدىغان نۇقتا: بىرىنچى، قۇرئاننىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن « ئۈچىنچى دەرىجىلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن بويۇملىرى» دەپ بېكىتىلىشى. ئىككىنچى، بۇ ئىش 11- ئاينىڭ 8- كۈنى بولغان، جازانىڭ بولسا 11- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. جازالانغۇچىغا ھېچ قانداق نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ۋاقتى بېرىلمىگەن.

بۇ يەردە تەبئىيلا، ئەگەر بۇ ئىش خىتاي ئۆلكىسىدە يۈز بەرمەستىن، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقى ئاستىدا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بولسا، جازالانغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار ئىدى دېگەن سوئالمۇ تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇيغۇر بولغان بولسا بەلكىم يىنىك بولغاندا نەچچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ۋەقەلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى قىياسلىغىلى بولمايدۇ.

ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى ۋە قوللىغۇچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ ۋە بۇ خىل ۋەقەلەرگە ئىسلام دۇنياسى دىققەت نەزىرىنى قارىتىشى زۆرۈر.