تايلاند ھۆكۈمىتى: قاچقان ئۇيغۇرلار مالايسىياغا ئۆتۈپ كەتتى

تايلاند دائىرىلىرى 20- نويابىر كېچىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن 20 ئۇيغۇرنىڭ مالايسىيغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مالايسىيا تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پراۋىت ۋوڭسۇۋان، قېچىپ كەتكەنلەردىن بەش كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ مالايسىياغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ نۆۋەتتە مالايسىيا تەرەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ نۆۋەتتە 100 بىلەن 200 ئارىلىقىدا ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گېنېرال پراۋىت ۋوڭسۇۋان بۈگۈن(21- نويابىر) ھەپتىلىك ئىچكى كابىنىت يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا يۇقارقى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ، تايلاندتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگەن دۆلىتىگە، توغۇلغان دۆلىتىگە ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتايدا توغۇلغانلىقى ئېنىقلاندى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى يەتكۈزۈلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا قايتۇردۇق.»

«بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئەۋەتتۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك خاتىرىسى يوق ئىدى.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 20 ئۇيغۇر قېچىشتىن بۇرۇن دائىرىلەر ئۇلارنى باڭكوككا يۆتكەشنى پىلانلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ سەككىز نەپەر خادىمى نۆۋەتتە ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

تايلاند دائىرىلىرى مالايسىيا بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

خىتاي تايلاندنى قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى تېزراق تۇتۇشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ قېچىش مەسىلىسىدە تايلاند بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ تايلاند دائىرىلىرىنى «قېچىپ كەتكەنلەرنى تېزدىن قانۇن تورىغا چۈشۈرۈشكە» چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇندىن بۇرۇن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئورۇن ئالماقتا.