42 مىليون پارا يەپ 221 كىشىنى ئۆستۈرگەن خىتاي نازىر 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

باشقىلاردىن جەمئىي 42 مىليون 280 مىڭ سوم قىممىتىدىكى مال – مۈلۈك ئالغان، 49 مىليون 780 مىڭ سومنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. جامائەت مۈلكىگە 126 مىليون 960 مىڭ سوم ئىقتىسادىي زىيان سالغان. بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر قىسمى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيې خۇي 11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلانغان بولۇپ، ئۇ پارا ئېلىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ۋە زور مىقداردىكى مال – مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە تۆت يېرىم مىليون سوم مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسى، ئەدلىيە نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن جەمئىي 221 كىشى شيې خۇيغا سەككىز مىليون سومدىن ئارتۇق پارا بېرىپ، ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشى، خىزمەت ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق ئىشلاردا ئۇنىڭ ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى ئۆتۈنگەن.

شيې خۇينىڭ دىلوسىدىن كېيىن، تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش سىستېمىسىدا قاتتىق «يەر تەۋرىگەن» بولۇپ، نۇرغۇن كىشى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ قالغان، يەتتە كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، 42 كىشىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

1963- يىلى تۇغۇلغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ خىتاي، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىخو ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2013- يىلى 27 يىل خىزمەت قىلغان تۈرمە سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ، ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئۇيغۇرلار ئەمەلدارلار يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ئېغىر جازالىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، بۇنچە كۆپ پارا يېگەن خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئاران 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەتتا خىتايلار ئارىسىدىمۇ نارازىلىق ئىنكاسلىرى قوزغىغان.

ئىگىلىنىشىچە، شيې خۇي ئىسىملىك بۇ ئەمەلدار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر «سىياسىي جىنايەتچىلەر»نى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن شەخس ئىكەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ شۇنچە ئوچۇق ئەيىبلەشلەر تۇرۇپ يىنىك جازالىنىشىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى «تۆھپىلىرى»دىن ئايرىپ قارىغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.