ئىككى ئۇيغۇر تايلاندتا، بىر ئۇيغۇر مالايسىيادا تۇتۇلۇپ قالدى

مالايسىيا ھۆكۈمىتى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلاردىن بىر نەپىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تايلاند ساقچىلىرىمۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

مالايسىيا ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بىر ئۇيغۇرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيانىڭ شىمالىدىكى كېداھ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاسرى يۈسۈف، مالايسىيا ساقچىلىرىنىڭ تايلاندنىڭ ساداۋ رايونىغا يېقىن چېگرادا بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ كىشى 30 ياشلاردا بولۇپ،  بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تايلاندتىكى مۇساپىرلار قاماقخانىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ تايلاند – مالايسىيا چېگرىسىدىن پىيادە ئۆتۈپ، مالايسىيانىڭ بۇكىت تاڭگا رايونىغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان.

ساقچى باشلىقى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى، بىز ئۇنى تايلاندقا قايتۇرىۋېتىشكە ئورۇنلاشتۇرىۋاتىمىز، دېگەن.

مالايسىيا ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قاچقانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن چېگرا بويلىرىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

تايلاندتتا ئىككى ئۇيغۇر تۇتۇلدى

تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقىچلار پەيشەننبە كۈنى سەھەردە ساداۋ بازىرىدا ئىككى ئۇيغۇرنى قولغا چۈشۈرگەن. 

دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ 24 ياشلىق ئابدۇللاھ، يەنە بىرىنىڭ 22 ياشلىق مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇلار چېگرا بويىدىكى ئورمانلىققا يوۇشۇرۇنغان بولۇپ، مەھەللىگە تاماق ئىزدەپ كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان. 

تايلاند: خىتايغا قايتۇرمايمىز

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندقا بېسىم چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تايلاند دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقلانمىغۇچە ھېچ قانداق بىر دۆلەتكە قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاندتا نۆۋەتتە 61 ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.