ھىندىستان تاراتقۇسى: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن قازاقلارنى نىشانغا ئالدى

ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» تورىدا 25- نويابىر «نۆۋەتتە خىتاي شىنجاڭدا ياشايدىغان قازاقلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبلىك نىشانغا ئالدى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنى باشقا ھىندىستان تاراتقۇلىرىمۇ كۆچۈرۈپ تارقاتتى. 

ماقالىنىڭ بېشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي شىنجاڭ ئۆلكىسى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلاردىن كېيىن، نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلاردا ياشايدىغان قازاقلارنى نىشانغا ئالدى. بۇ قېتىممۇ يەنە دىننى باھانە قىلدى، ئۇلارنى ئىسلام ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئەگىشىشتىن توختاشقا مەجبۇرلىدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەلۋەتتە ئادەتتە شىنجاڭدىن خەۋەرگە ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن، قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ۋە بىر مىليون 500 مىڭ قازاقنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە باستۇرۇشلار داۋاملاشماقتا.»

ماقالىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قازاقلارنىڭ تۇرمۇشىغا، بولۇپمۇ دىنىي ھاياتىغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەنلىكى، 2016- يىلى ئىيۇندا، ئاقمەت ئىسىملىك داڭلىق بىر قازاق ئىمامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە كېيىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، كيىنكى ئايدىن باشلاپ ئۇنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2017- يىلى 10- ئىيۇندا، قاراماي شەھىرىدە ئاز دېگەندە 10 نەپەر قازاق ئۇيغۇرلار بىلەن «يېقىن مۇناسىۋەتتە» بولغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان.  بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق قازاق ئائىلىسىگە قارىتا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، قۇرئان، جەيناماز، تەسۋى ۋە باشقا دىنىي بويۇملارنى مۇسادىرە قىلغان. بۇ رايوندا خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن، ساقچىلار چەتئەلدە ئۇزۇن بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن بارلىق قازاقلارنى نازارەت قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قازاقلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغانلىقى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىملىرىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلدى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى. ھۆكۈمەت ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى، ئۇلارنى دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتەك ئەقەللىي ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلدى.ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوخشاش شەكىلدە قازاقلارنى نىشانغا ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.»

ماقالىدە خىتاي ۋە قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېىلگەن: «خىتاي ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بار، قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. لېكىن، قازاقىستاندا خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا قارشى نارازىلىقلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مىسالغا ئالساق، 2016- يىلىنىڭ باشلىرىدا قازاقىستاندا يولغا قويۇلماقچى بولغان يەر ئىسلاھاتىدا خىتاي پۇقرالىرىغا قازاقىستاندا يەر سېتىۋېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قازاقىستاندا يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك نامايىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

گەرچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسۋەت ئارقىلىق خىتاينىڭ قازاقلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى يۆگەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچلىرى ۋە ژورنالىستلار ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلدى. ئىيۇندا، قازاقىستاندىكى بىر يازغۇچىلار تەشكىلاتى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنى بۇ ئىش ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىردى.»

ئاخىرىدا، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا قازاقىستانغا مىلياردلارچە دوللار مەبلەغ سالغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقى، قازاقلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇرلاردىنمۇ ناچار بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.