خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى سىرتقا توك يەتكۈزۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە سىرتقا توك يەتكۈزۈش بازىسى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 8- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "ئون ئۈچىنچى بەش يىللىق" قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن توك چىقىرىش تەرەققىيات پىلانى»نى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەتنىڭ "ئۈچ بازا بىر لىنىيە" ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ۋە رايون ئىچىدىكى توك ئىشلىتىش ئىھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ھالدا "ئىككى چوڭ بازا، تۆت گۇرۇپپا" قۇرۇپ چىقىلىپ، شىنجاڭ خىتاي بويىچە چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئۇنىۋېرسال بازىسى ۋە سىرتقا توك يەتكۈزۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.»

«پىلان»غا ئاساسەن، رايوندىكى 750 كىلوۋولتلىق ئېلېكتىر تورى، يۇقىرى بېسىملىق بىۋاستە توك ئۇزىتىش لىنىيەسى ۋە باشقا ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش شەكىللىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى، قۇمۇل، تۇرپان، شەرقىي جۇڭغار ۋە بۆرتالا ئوبلاستى قاتارلىق رايونلاردا قۇياش ئېنېرگىيىسى بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ «ئىككى چوڭ بازا، تۆت چوڭ گۇرۇپپا» قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.