قەشقەردە 58 كىشى تۇتۇپ كېتىلدى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە تورىنىڭ 8- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايتىدە ساقچىلار بىر ھەپتە بۇرۇن قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئاز دېگەندە 58 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.  ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 9 نەپەر ئايال بار ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارغا قارىتا سەككىز تۈرلۈك چەكلىمە چىقارغان.

بۇ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە: زوراۋانلىق – تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن بويۇملىرىنى قەتئىي كۆرمەسلىك، تارقاتقۇچىلارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛ قانۇنسىز دىنىي كىتابلار ۋە ئەكسىيەتچىل كىتابلارنى قەتئىي كۆرمەسلىك، «ئۈچ قانۇنسىز»نى رەت قىلىش ۋە تارقاتقۇچىلارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛ قانۇنسىز تور بېكەتلەر ۋە چېگرا سىرتىدىكى زوراۋانلىق – تېررورلۇققا ئائىت تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلماسلىق؛ ھەر قانداق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە ۋە ئەكسىيەتچىل تەشكىلاتلارغا قاتناشماسلىق؛ ھەر قانداق دىنىي پائالىيەتكە قەتئىي قاتناشماسلىق، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇراسىم ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىقا بولمايدۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.