خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا مۇھىم بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. ئاگاھلاندۇرۇشتا، «تېررورچىلار يېقىندا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.» دېيىلگەن. كارخانىلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىگىلىشىمىزچە، تېررورچىلار يېقىندا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئەلچىخانا، پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان ئورگانلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، ئىمكان بار سىرتقا ئاز چىقىشىقا، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. پاكىستان ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى تەكشۈرۈپ قالسا ئاكتىپ ماسلىشىپ بېرىش كېرەك. جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم.»

پاكىستان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سالغان مەبلىغى 57 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. خىتاي مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ دىققەت تارتقان مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇ يىل يازدا، خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ 15 مىڭ كىشىلىك بىر ئالاھىدە قىسىم تەسىس قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇجىستان ئۆلكىسى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى يادرولۇق بەلۋاغ بولۇپ، جەمئىي 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان. لېكىن بۇ رايون داۋاملىق تۈردە بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.