ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ پۇقرالىرىنى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشىدىن «جىددىي ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

12- ئاينىڭ 10- كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ب د ت «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى ماقۇللاپ ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ۋە داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىشىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىر يىلدىن بۇيان،  ئۇچۇر ئەركىنلىكى، سۆز ۋە ئويۇشۇش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا توردىكى پائالىيەت ئەركىنلىكىنى ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىشى بىزنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالدى.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق دېدى، بىز نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمىز ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيوڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى قاتارلىك كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.

جۈمە كۈنى، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مايكول كلاۋۇز خىتاينىڭ يېڭى دىنى چەكلىمىلىرى ۋە دىنىي توپلۇملارغا قاراتقان تېخىمۇ چوڭ بېسىملىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بىر بەلگىلىمىدە مەكتەپلەردە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش چەكلەنگەن، شۇنداقلا «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىقا تەشكىللىگەن، قىزىقتۇرغان ۋە مەجبۇرلىغان» ئاتا – ئانىلار ۋە ھامىيلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىنىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.