ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تاپشۇرۇپ ئېلىندى

گېرمانىيەنىڭ ۋېيمار شەھىرى 10 دېكابىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىغا 2017- يىللىق «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نى تارقىتىپ بەردى. مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» دىن ئەنۋەرجان بىلەن گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر جەمئىيىتى»دىن ئۇلرىك دېلىيۇس(Ulrich Delius) تاپشۇرۇپ ئالدى.  

«ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نىڭ ئوبراز ئەلچىسى، گېرمانىيەلىك مۇخبىر گاندۇلا گاۋۇس(Gundula Gause) مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، 48 ياشلىق ئىلھام توختىنىڭ ئۆز يۇرتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 1995- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ،يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. نۆۋەتتە مۇكاپات سوممىسى 5000 ياۋرو. بۇ يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، ۋېيمار شەھىرى بۇ يىللىق مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىشنى قارار قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ۋېيمار شەھىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.