خىتاي سودىگەرنىڭ «ئىئانىسى»نى ئالغان ئاۋسترالىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ئىستىپا بەردى

ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئىستىپا بەردى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ دۆلەت سىياسەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى سام داستيارى خىتاي سودىگەرلىرىدىن ئالغان سىياسىي مەقسەتلىك «ئىئانىلەر» سەۋەبلىك سەيشەنبە كۈنى ئىستىپا بەردى.

سام داستيارى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىق سودىگەرلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن ۋە بىر ئايدىن بۇيان قاتتىق بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ «بۇ قارارنى چىقىرىش ئاسانغا توختىمىدى» دېدى ۋە ئۆزىنىڭ 2018- يىللىق كېڭەش پالاتاسى سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، داستيارى ئۆتكەن يىلى خىتاي سودىگەر خۇاڭ شياڭموغا يانفۇنىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسى پارتىيە ۋەكىللە ئۆمىكىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

images (1)

ئۇنىڭ ھەققىدە ئاشكارىلانغان يەنە بىر ئىش بولسا، داستيارى خىتاي سودىگەر بىلەن بىرگە خىتاي تاراتقۇلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مەيدانىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان سۆزلەرنى قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي سودىگەر خۇاڭ شياڭمونىڭ شىركىتىنىڭ داستيارىنىڭ ساياھەت چىقىملىرى ۋە قانۇنىي دەۋا ھەقلىرىنى تۆلەپ بەرگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار بار ئىكەن.

ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇاڭ شياڭمو سىدنېيدا ياشايدىغان ئۆي – مۈلۈكچىلىك سودىگىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئىكەن. ئۇ، ئاۋسترالىيە ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىنلىك پارتىيىسىگە نەچچە ئونمىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى ئىئانە قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ سام داستيارىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق خوڭكوڭ سەپىرىدە، سام داستيارى ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تانيا پلىبېرسېككە بېسىم قىلىپ، خوڭكوڭلۇق بىر دېموكراتىك پائالىيەتچى بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تېرنبۇل، سام داستيارىنىڭ «باشقا بىر دۆلەت ۋە باشقا بىر سىياسىي كۈچنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىكىنى» ئېيتتى. ئۇنىڭ بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان خىتايغا قارشى قىلغان سۆزلىرى غۇلغۇلا قوزغىدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» 11- دېكابىر مەخسۇس ئوبزور يېزىپ ئۇنى تەنقىد قىلدى. ئوبزوردا، خىتاينىڭ «ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى، سىياسىي ئىئانىلەر ئارقىلىق ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش نىيىتىنىڭمۇ يوقلۇقى» بىلدۈرۈلدى.

ئۆتكەن ھەپتە، ئاۋسترالىيە باش تەپتىشى جاسۇسلۇق ۋە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش پائالىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۈچۈن پارلامېنتقا يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تېرنبۇل، «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەم ۋە تېخنىكا بىلەن دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى» ئېيتقان.