خىتاي ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدا DNA ئەۋرىشكىسى توپلىماقتا

«كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» 13- دېكابىر خىتاينىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى. ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات زور غۇلغۇلا قوزغىدى. نۇرغۇن تىللاردىكى مەتبۇئاتلار[1] بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى.

دوكلات مۇنداق باشلانغان: «خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدا 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان بارلىق ئاھالىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، كۆز رەڭدار پەردىسى ۋە قان تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلىماقتا.»

«"نۇقتىلىق شەخسلەر" – يەنى دائىرىلەر تەرىپىدىن ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسىگە قارىماستىن "بارلىق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرى" ئېلىنغان. دائىرىلەر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تۈرلۈك بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. مەسىلەن د ن ئا ۋە قان تىپىنى "ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى"دىن كېلىدۇ. لېكىن سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ ئۆز بەدىندىىكى سەزگۈر د ن ئا ئۇچۇرلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن توپلىنىپ ساقلىنىدىغانلىقى ۋە ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بارمۇ – يوق بۇنىسى نامەلۇم.»

دوكلاتتا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفېي رىچاردسوننىڭ «پۈتۈن بىر خەلقنىڭ DNA قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرى توپلاش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. ئەگەر ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى دېگەندەك ناملار بىلەن مەخپىي ئېلىپ بېرىلسا، تېخىمۇ خەتەرلىك،» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلات مەزمۇنى ھەققىدە تورىمىز تەپسلىي مەلۇمات بېرىدۇ.



[1] https://www.theguardian.com/world/2017/dec/13/chinese-authorities-collecting-dna-residents-xinjiang

http://edition.cnn.com/2017/12/12/asia/china-xinjiang-dna/index.html

http://www.bbc.com/zhongwen/simp/press-review-42340636

https://ilkha.com/haber/66311/cinde-muslumanlarin-dna-verileri-toplaniyor