خىتاي «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نامىدا بىر مىليوندىن كۆپرەك كادىرنى يېزىلارغا چۈشۈرمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، بىر مىليوندىن كۆپرەك كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى «تۇغقانلاشقان» ئائىلىلەرگە بېرىپ ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 15- دېكابىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدا يېقىندا ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. دائىرىلەر تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى "تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى" دەپ ئاتالغان بۇ پائالىيەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە يەپ – ئىچىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىش قىلىدۇ.»

20171215_164738

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا، دائىرىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ، «قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان» ۋە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆز – ئارا يوقلىشىپ تۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۈن 8- چېسلا ئېچىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، بىر يىلدىن بۇيان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر پائالىيەت، رايوندىكى خىتاي پارتكومىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشى» ئىكەن.

76003840

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىر تۈرلۈك سىياسەت سۈپىتىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «تۇغقانلىشىش» پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن، ئەكىسچە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن سىياسىي بېسىم ۋە نازارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارىنى جار سېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەزى جايلاردا نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 10 پىرسەنتىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئارقا – ئارقىدىن ئاشكارىلاندى.[1]

20171215_190814



[1] http://www.rfa.org/english/news/uyghur/detained-12142017140125.html 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/2017-uyghurgha-kelgen-kulpetler-5-12072017233307.html