ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر لوڭقىسى" پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى

ئاۋسترالىيەدە 2006- يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم "ئۇيغۇر لوڭقىسى"نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 10- نۆۋەتلىك چىمپيونلۇق مۇسابىقىسى بۇ يىل 25- دېكابىر جەنۇبىي ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىگە، سىدنىي، مېلبورن ۋە ئادىلايد شەھەرلىرىدىن كەلگەن كوماندىلار قاتناشتى.

بۇ مۇسابىقە ئاۋسترالىيەنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، ياش – ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ جانلىق سەھنىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئۆز – ئارا ھېس قىلدۇرۇش ۋە بىر – بىرىگە مېھرى – مۇھەببەت يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم يىغىلىشىدۇر.

 

يۇتيۇبتىن كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.