قۇربان (ئىككىنچى ھېكايە)

(ئۈستىدىكىسى خىتاينىڭ تەشۋىقات رەسىمى: خىتاي ئەر بىلەن ئۇيغۇر ئايالنىڭ تويى. رەسىم پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى. ھېكايىدىكى شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.)

 

پەرھاتنى بەكراق ئازابلىغىنى ئىككىنچى رەسىم ئىدى.

ئۇ  بىرەرسىنىڭ كېلىپ بۇ رەسىمنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىنى، بۇنىڭ كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن رەسىممۇ راست، ئۇنىڭدىكى ئەھۋالمۇ راست ئىدى.

ئۇ ئويلىغانسېرى ئىچ - ئىچىدىن ئاچچىق پىغان ئۆرلەپ، بۇغۇزىغا كېلىپ توختايتتى ۋە يىغا قىستايتتى. ئۇ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن، جامائەت ھەممىسى چىقىپ كەتكەندە مەسچىتنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىماقچى بولغان ئىدى. لېكىن بۈگۈن قېرىشقاندەك كىرىپ چىققانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمدى.

«قۇربان بۇلارنى بىلگەنمىدۇ؟ بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەنمىدۇ؟ بىلگەن بولسا نېمە بولۇپ كەتكەندۇ -ھە؟!» دېگەنلەر خىيالىغا كەلگەنسېرى بۇ رەسىم ئۇنىڭ شۇنچە غۇرۇرىغا تېگەتتى.

. «ھېلىمۇ قۇربان يوقكەنتۇق، بولسا ئالامنى مالەم قىلىپ، چوڭ ئىش تېرىپ، تېخىمۇ ئۇزۇن كېسىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.» دەپمۇ ئويلاپ باقتى ئۇ. «لېكىن ئالتە يىل توشقاندىن كېينچۇ؟ ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ سىڭلىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگىنىدىن چىرىپ كەتسىمۇ شۇ يەردىن چىقماي ياتقىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟»

رەسىمدىكى تويلۇق كىيىمى كىيىۋالغان قىز مەريەمنىڭ ئاكىسى قۇربان بەش يىل بۇرۇن ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سەككىز يىللىق كېسىلىپ كەتكەن ئىدى.

قۇربان پەرھاتقا ئاكا يوللۇق ئىدى. پەرھات ئۇنى ئۆز ئاكىسىدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ قۇربان مەھەللىنىڭ بالىلىرىنى كەينىگە سېلىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭسىز ئويۇن قىززىمايتتى. ئۇ بولمىسا بالىلارمۇ بىر يەرگە كېلىپ ئوينىمايتتى. بەزىدە بالىلار ئۇنى كىنولاردىكىنى دوراپ ئۆزىگە ئاتامان قىلىۋالاتتى. پەرھاتمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا بۇ «ئاتامان»نى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىن قورقاتتى، توغرىسى تەپتارتاتتى. پەرھات ئېلىپبە ئۆگىنىپ يۈرگەن يىللاردا، ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان  ساۋاقدېشى ياسىننى مەكتەپتىن قايتقۇچە قەمبەرخاننىڭ تۆت ئوغلى بىرلىشىپ بوزەك قىلغان ئىدى. ياسىن ھەمراخان موماينىڭ ياش تۈگەپ كەتكەن قىزىدىن قالغان يالغۇز نەۋرىسى ئىدى. بالىلار دائىم ئۇنى «يىتىم ئوغلاق» دەپ تىرىكتۈرۈپ ئوينايتتى. بۈگۈنكى جېدەلگىمۇ مۇشۇ سۆز سەۋەب بولغان ئىدى. قەمبەرخاننىڭ توققۇز ئوغلى بولغاچقا مەھەللىدىكى بالىلار ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا چېقىلىشقا پېتىنالمايتتى. قۇربان پەم بىلەن ئۇ تۆت ئوغۇلنى مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى ئورمانلىققا باشلاپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئالىدا ئىككىنچى «يېتىم ئوغلاق» دېمەيدىغانغا ماقۇل كەلتۈرۈپ قويۇپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەھەللىدە ھېچكىم بۇ سۆزنى تىلغا ئالمايدىغان بولدى. لېكىن ئىش يوغىناپ كېتىپ چوڭلار ئارىغا چۈشتى. ئاخىرى قۇرباننىڭ ئاتا - ئانىسى قەمبەرخانغا چاي قويۇپ رازى قىلغان بولدى.

بەش يىل بۇرۇن، پەرھات تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان يىلى، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ يۈرگۈن كۈنلەرنىڭ بىر يەكشەنبىسىدە ئۇ ئاكىسى بىلەن بىرگە قۇربانلارنىڭ بىر سورۇنىغا قاتناشتى. «بىزنىڭ مەھەللىدىنمۇ باركەن» دېدى بىرەيلەن قۇربانغا. «ئۆتكەندە توختاخۇننىڭ ئۆيىدىن پۇل يۈتۈپ كەتكەندە شىرمۇھەممەتتىن سىلى قىلدىڭلىمۇ دەپ سورىغانتىم.»

- قايسى شىرمۇھەممەت؟- دەپ سورىدى بىرەيلەن.

- قەمبەرخاننىڭ ئوغلىدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى، - دېدى دەسلەپتە سۆز قىلغىنى  ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.  

- ئاداش ئاناڭلا شۇنداق باي تۇرسا نېمىشقا ئوغۇرلۇق قىلدىڭلا دېسەم ...ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى. قۇرباننىڭ چىرايىغا جىددىي تۈس كىردى ۋە، - نېمە دەپ قىپتۇ؟ تېز دەڭلا تىلىڭلىنى چاينىماي، - دېدى تەقەززارلىق بىلەن.

- شۇ، ياشاپ كەلدۇق دەيدۇ، يەنە ئىچكىلى بارغان ئوخشىمامسىلە، دېسەم، كىچىك بالىكەن بۇ، ياشايدىغان يە دېگەن بوستان كوچىسىدا ھازىر دېدى...

ئۇ بالا ئاخىرىنى دەيمەنمۇ دېگەندەك قۇربانغا قارىدى.

قۇربان ئېغىز ئاچقىچە ئارىدىن بىرەيلەن قوشۇق سالدى.

- ما كىچىك بالىلار چىقىپ تۇرسۇن.

قۇربان پەرھات بىلەن يەنە بىر بالىغا ئازراق پۇل بېرىپ، ئۆزىنىڭ نان سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى يېزا مەركىزىدىكى بىر ناۋايدىن نان سېتىۋېلىشقا بۇيرۇدى. سورۇندىكىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكىمۇ مۇشۇ ئىككەيلەن ئىدى.

ئۇلار ناننى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پاراڭ ئاساسەن پەرھاتنىڭ ئوقۇشى توغرىسىدا بولدى. بۈگۈنكى ساھىپخان يىگىتنىڭ كېلەر ھەپتە تويى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ يېقىن - يورۇقلىرىغا باغاق يازغاچ تويدىن بورۇن بىر ئولتۇرىۋالايلى دەپ بەش - ئالتە دوستىنى چاقىرغان ئىدى. ئۇ يىگىت پەرھاتنىڭ ئاكىسىغا ئۇنى ئالغاچ كېلىشنى ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى. چۈنكى پەرھات ئادەتتە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ مەكتەپتە قونۇپ قالاتتى، بۈگۈنكىدەك مەھەللىدە بولىدىغان ۋاقتى ئاز ئىدى.

ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى قۇرباننى ئۇستىسىنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدىن تۇتۇپ ناھىيىگە ئەكىرىپ كېتىپتۇ دەپ گەپ تارقالدى. پەرھات مەھەللىسىدىن كەلگەن بالىلاردىن ناھىيە بازىرىدىكى بوستان يولىدا خىتايلار ئاچقان بىر ساتىراچخانىغا كېچىدە ئوت كەتكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ قۇرباننى ئوت قويغان گۇماندار دەپ تۇتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئېسىگە ئۆتكەنكى ئولتۇرۇشتا بۇلۇنغان گەپ - سۆزلەر كەلدى ۋە ئاكىسىدىن ئەنسىرەپ دەرسكە كىرمەيلا ئۆيىگە قايتتى. تەلىيىگە ئاكىسى ساق - سالامەت ئىدى.

نەچچە ھەپتىدىن كېيىن قۇرباننىڭ چىققانلىق خەۋىرى بولدى. يىراق - يېقىندىن كىشلەر ئۇنىڭدىن ھال سوراپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنىڭ ساق - سالامەت چىققىنىدىن سۈيىنىپ شۈكرى ئېيتسا، بەزىلەر قىزىپ ئۇنى - بۇنى سورايتتى.  پەرھات بۇنداق چاغلاردا قۇلاق موللىسى بولۇپ يېڭى - يېڭى ئىشلارنى ئاڭلىۋالاتتى.

ساقچىلار ئۇنى گۇمان بىلەن تۇتقان بولسىمۇ لېكىن دەلىل - ئىسپات تاپالماي قويۇپ بەرگەن ئىدى. ئاكىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ھەممە يېزىدىن «نۇقتىلىق» كىشىدىن بىر نەچچىنى تۇتقان بولۇپ، قۇربانمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇ «ساتىراچخانا»غا ئوت كەتكەنمۇ ياكى بىرەرسى ئوت قويىۋەتكەنمۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئوت ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان زىيانمۇ ئېغىر ئەمەس بولۇپ، مۇھىمى ئوت ۋاقتىدا بايقىلىپ، ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېلىنغان. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «ساتىراچخانا»غا كېچىدە كېلىپ - كېتىدىغانلارمۇ كۆپ بولغاچقا ئوت ئاسان بايقالغان ئىكەن.

ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە قۇربان يەنە تۇتۇلۇپ كەتتى. پەرھات بۇ خەۋەرنى شەرقتىكى يىراق بىر شەھەردە تېلىفۇندا ئاكىسىدىن ئاڭلىدى. بۇ قېتىم ئىش بۇرۇنقىدەك ئاسان تۈگىمىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئوغلۇمنى بۇرۇنقىدەك خاتا تۇتۇپ قالغان بولسا ھەپتىگىچە يەنە قويۇپ بېرەر دەپ نەچچە ئاي ساقلاپ ئاخىرى ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۆيىدىكىلەر قۇرباننىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە پۇل خەجلىدى. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ۋەزىيەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىكەن. «قاتتىق زەربە بېرىش» دەمدۇ بىر ھەرىكەت بولۇۋاتقان بولغاچقا تۇتۇلغانلارنىڭ ئىشى ئاسەن بىر تەرەپ بولمايدىكەن.

ئۈچ ئاي ئۆتكەندە، قۇربانغا سوت ئېچىلىپ سەككىز يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە ئانىسى يېقىلىپ چۈشتى ۋە شۇ چۈشكەنچە ئورنىدىن تۇرالمىدى.

سوت ھۆكمىدە قۇرباننىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن «ساتىراچخانىغا ئوت قويۇش جىنايىتى ۋە كىشىلەرنى كۈشكۈرتۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى يېزىلغان ئىدى.

پەرھات تەتىلگە كەلگەندە ئاكىسىدىن قۇرباننىڭ زادى ئوت قويغان - قويمىغانلىقىنى كوچىلاپ سوراپ تۇرىۋالدى. ئاكىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە، قۇربان سوراقتا ۋە سوتتا ئۆزىنىڭ ئوت قويغانلىقىنى زادىلا ئېتىراپ قىلمىغان. لېكىن، ئىلگىرى ئوچۇق بىر سورۇندا «ئۇنداق پىتنە - پاسات ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇۋىسىغا ئوت قويىۋېتىدىغانلارمۇ چىقىپ قالا» دېگەنلىكىنى يوشۇرمىغان ھەم بۇ گېپىدىن يانمىغان. قۇرباننىڭ دادىسى نەچچە قېتىم ئوغلىغا «بالام راست گەپ قىل، ئىقرار قىلساڭ كەڭچىلىك قىلىدىكەن، ھەم ئىش ئوچۇق بولسا ئادۋوكات تەكلىپ قىلساق ئازراق ياتارسەن تۈرمىدە» دېگەن. لېكىن قۇربان «گەپنى دېگىنىم راست، بۇنىڭغا ئىقرارمەن. ئەمما قىلمىغان ئىشىمنى قىلدىم دېمەيمەن.» دەپ چىڭ تۇرغان.  

- قىلمىغان ئىشقا، گېپىگە قاراپلا سۇلاپتۇما؟  - دەپ سورىغان ئىدى پەرھات.

ئاكىسى گەپنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىشقا باشلىدى. «قۇربان ئوت قويمىدىم دېگەن بولسىمۇ، ئۇ كېچە نەدە ئىكەنلىكنى دەپ بېرەلمىگەن. دېگەن بولسا جىق ئادەمنىڭ بېشىغا چىقاتتى. ئۇ ۋاقتلار بولغان بولسا چوڭ ئىش يوقتى لېكىن ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ. ئوت كەتكەن كۈنى بۇرادەرلەر بىلەن يىغىلىشىپ ئاياغ كەنتتىكى ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە كېچىكچە قۇرئان خەتمە قىلىپ چىققان ئىدۇق. يۇرتىمىزنى پىتنە - پاسات قاپلاپ كەتتى، بۇزۇقچىلىق كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ، بارغانسېرى باش كۆتۈرەلمەس بولۇپ كېتىپ بارىمىز دەپ بىر يەرگە يىغىلىپ رەببىمىزدىن تىلەيلى دەپ شۇنداق قىلغان ئىدۇق. جامائەتنىڭ پەزىلىتى يۇقىرى دەپ شۇنداق قىلغان ئىدۇق. قۇربان ئۇنى دېسە ھازىر ھەممەيلەننى تۇتۇپ سولاپ بولىتتى... »

ئۇدۇل كارۋاتتا ياتقان ساۋاقدېشىنىڭ  «توپنى ماڭا بە!» دەپ جۆيلىگەن ئاۋازى پەرھاتنىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى.

ئۇ تېلىفۇنىدىكى رەسىمگە قايتا قارىدى. بۇ قېتىم ئۇ تېخىمۇ روشەن كۆردى.

كۆزى قىسىق، بۇنى پاناق، ھەربىيچە كىيىم كىيىۋالغان پاكار بىر ئەرنى قولتۇقلاپ تۇرغان، ئەتلەستىن توي كۆڭلىكى كىيىۋالغان قىز دەل شۇ قۇرباننىڭ ئەتىۋارلىق سىڭلىسى مەريەم ئىدى.

 

ئارمان قەلىمىدىن