خىتاي ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش شىتاب باشلىقى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلدى

خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ ياڭ (سولدىكى) ۋە فاڭ فېڭخۇي، بىرى ئۆلدى، بىرى موللاق ئاتتى 
 
خىتاي ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ سابىق باش شىتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ھەربىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە شىتابىنىڭ باش شىتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇققا چېتىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ھەربىي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 
شىنخۇ تورىنىڭ خەۋىرىدە باشقا ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. 
ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ جاڭ ياڭ ئىسىمىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. فاڭ فېڭخۇيڭنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئەينى ۋاقتتا تەكشۈرۈلۈۋاتقان جاڭ ياڭنىڭ دىلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.  
چەتئەلدىكى خىتايچە مەتبۇئاتلاردا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 9- ئايدىلا خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇ ئىككى ئەزاسىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ - سۆزلەر تارقالغان. تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى شى جىنپىڭ ئۆزى بەرگەن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن موللاق ئاتقان ھەربىي ئەمەلدارلاردىن «گو بوشيوڭ ۋە شۈ سەيخونىڭ زەھەرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تازىلاش»نىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارالغان. جاڭ ياڭ ئىسىملىك خىتاي گېنېرالنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش»ى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان كۈنى كەچتە «چوڭ ئىش چىقىرىش» پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  
توردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فاڭ فېڭخۇي 1968- يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 1975- يىلى خىتاي كومپارتىيىسىگە كىرگەن، 2017- يىلى 10- ئايغىچە، مەركىزىي ھەربىر كومىتېت بىرلەشمە شىتابىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.  
فاڭ فېڭخۇينىڭ موللاق ئېتىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشى جازالىنىشى مۇمكىن.