ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى: شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىۋاتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارىمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى(CECC)نىڭ 8- يانۋار ئېيتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئۆتكەن يىلى 10- ئايدا يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان - ت)دىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشقان. ئۇ دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە قارىتا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان چەكلىمىلىرى ۋە يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.  
دۈشەنبە كۈنى، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سىمىس بايانات ئېلان قىلىپ، رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.  
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو مۇنداق دېدى: «خەۋەرلەردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تۈمەنلىگەن يېڭى ئامانلىق خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش، زور كۆلەملىك يىغىلىشلارغا تەشكىللەش، پۇقرالارنىڭDNA، بارماق ئىزى، كۆز ۋە قان تىپى ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق پۈتۈن رايوننى بىخەتەرلىك تورىغا ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.» 
ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ سەۋەبىسز قولغا ئېلىنىشى، «سىياسىي ئۆگىنىش» بازىلىرىنىڭ ھەممە يەرنى قاپلىشى، كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە كىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ۋە رادىكالىزمنىڭ كاتالىزاتورىغا ئايلىنىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.  
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سىمىس مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىدا قۇرغان ئومۇمىيۈزلۈك كۆزىتىش ۋە بىخەتەرلىك تورى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىكتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەرنى سىياسىي تەشۋىقات مەركەزلىرىگە ئۆزگەرتمەكتە ھەمدە دىنىي ئېتىقادنى رادىكالىزم بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماقتا. بۇ خىل سىياسەتلەر پۈتۈنلەي ئەكىسچە ئۈنۈم بېرىدۇ، پەقەت مۇقىمسىزلىق ۋە نارازىلىق پەيدا قىلىدۇ، بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئامېرىكا چوقۇم بىز بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىققا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، بىزنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ پائالىيەت قىلغان ئۆكتىچىلەرنى ياكى دىن، يىغىلىش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا كەڭ قورساقلىق قىلماسلىقىمىز ۋە يانتاياق بولماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.» 
ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى يەنە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ 30 دەك تۇغقىنىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئۇلار، بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچىلىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قورقۇتۇش، قولغا ئېلىش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسى ياكى ھۆكۈمىتىگە قارشى تەنقىدلەرنى بېسىقتۇرۇشىنىڭ يەنە بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى.  
مەنبە: «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى