خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش خىيالى سۇغا چىلاشتى

خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش خىيالى ئامېرىكىنىڭ  AT&T 
شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن يوققا چىقتى.  
ۋول كوچىسى ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى AT&T بىلەن خۇاۋېي شىركىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش پىلانى ئاللىقاچان بىكار قىلىنغان.  
ئەسلىدە، ئىككى شىركەت 9- يانۋار سەيشەنبە كۈنى لاسۋىگاستىكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلماقچى بولغان.  
خۇاۋېي شىركىتى نۆۋەتتە سامسۇڭ ۋە ئالما تېلېفونلىرىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ يانفۇن ماركىسىغا ئايلانغان، لېكىن ئىزچىل ئامېرىكا بازىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان.  
بۇ خۇاۋېي ماركىسىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ تۇنجى قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ئەمەس. 2012- يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا خۇاۋېيغا بىخەتەرلىك تەھدىتى تامغىسى ئۇرۇلۇپ، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى توسۇۋېلىنغان.  
يېقىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك ئالى بابا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر پۇل يۆتكەش شىركىتىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى رەت قىلغان.