ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرىۋەتمەسلىككە چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ھەر قايسى پارتىيەلەردىن كەلگەن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، نۆۋەتتە بۇلغارىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ھەققىدە ئورتاق ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، بۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا قولغا ئېلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى بارلىقى تەكىتلەندى ۋە بۇلغارىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى مۇراجىئەت قىلىندى.  
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر 2017- يىلى 27- ئىيۇلدا تۈركىيە - بۇلغارىيە چېگرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇلغارىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە شۇنىڭدىن بۇيان لۇبىمېتس تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى بۇلغارىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتە قايتا مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 2018- يىلى 16- ۋە 26- يانۋار كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.  
باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىر قاتار دوكلاتلارنى ئېلان قىلغانلىقى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىن قېچىپ چەتئەلدە پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىنغان.  
باياناتتا، يېقىنقى 15 يىلدا ئوخشاش بولمىغان 16 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايدا مەجبۇرىي غايىب بولۇش، تەن جازاسىغا ئۇچراش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشتەك ئەھۋاللارغا يولۇققانلىقى تەكىتلەنگەن. 2017- يىلى 22 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا مىسىردىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان غايىب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.  
باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇلغارىيەنى خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە قايتۇرىۋەتمەسلىك پرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرىۋەتمەسلىككە مۇراجىئەت قىلىمىز. بۇلغارىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ياۋروپا قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ياۋوپا كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا.»

 ئىمزا قويغۇچىلار: 
MEP Fabio Massimo Castaldo                               MEP Ilhan Kyuchyuk 
MEP Helga Truepel                                                 MEP Ivo Vajgl  
MEP Ignazio Corrao                          MEP Ramon Tremosa i Balcells  
مەنبە: ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى