خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان CIA خادىمى قولغا ئېلىندى

خىتاي دائىرىلىرىنى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەپ، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى(CIA)نىڭ خىتايدىكى جاسۇسلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان سابىق  CIA خادىمى خىتايدىن ئامېرىكىغا قايتىشىدا قولغا ئېلىندى.  
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى جېررى چۈن شىڭ لى(Jerry Chun Shing Lee)نى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن بۇ كىشىنىڭ ئىجازەتسىز ھالدا ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى خاتىرىلىگەن بىر كومپۇتېرنى ساقلىغانلىقىنى بايقىغان.  
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىشى(خىتايچە ئىسمى لى جېنچېڭ) خوڭكوڭدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭ تەۋەلىكىگە ئىگە. ئۇ دۈشەنبە كۈنى كەچتە نيۇيوركتىكى كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە قولغا ئېلىنغان. 

china-espionage2 

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 53 ياشلىق لى ئامېرىكىدا چوڭ بولغان، 1982- يىلىدىن 86- يىلىغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، 1994- يىلى CIA غا قاتناشقان، 2010- يىلى بۇ يەردىن ئايرىلىپ خوڭكوڭغا بارغان ۋە ئۇ يەردە خىزمەت تېپىپ ئىشلىگەن. 2010- يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى ئامېرىكا جاسۇسلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن.  
نيۇيورك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2012- يىلىدىن باشلاپ لىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، ئۇ ئامېرىكىغا ساياھەتكە كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ مېھمانخانىغا قويۇپ قويغان يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرغان ھەمدە ئۇنىڭدا ئېرىشىش ھوقۇقى بولمىغان مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.  
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستىخبارات خادىملىرى ئىككى كىچىك خاتىرە تاپقان، ئۇلاردا قولدا يېزىلغان مەخپىي ئۇچۇرلار بار بولۇپ، بۇلار ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى ۋە تېلىفۇن نومۇرى، مەخپىي يىغىن خاتىرىسى، يىغىن ئورنى ۋە مەخپىي ئورگانلارنىڭ ئادرېسى قاتارلىقلار ئىكەن. 
لى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مەخپىيەتلىكىگە ئىگە بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەگەر ئەيىبلەش كۈچكە ئىگە بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.    
«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ ئۆتكەن يىلقى بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2010- يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى كۆز - قۇلاقلىرىدىن ئاز دېگەندە 20 نەپىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە قامالغان.   
ئەينى ۋاقتتا، CIA نىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ۋە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان بىر خادىمنى ئىزدەۋاتقانلىقى، بۇ كىشىنىڭ ئاسىيانىڭ مەلۇم جايىدا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. لېكىن ئۇ ۋاقتتا ئۇ كىشىنى قولغا ئېلىشقا يېتەرلىك ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى تېپىلمىغان.