ئورۋېلنىڭ يېڭى رومانى: شەرقىي تۈركىستان

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى خۇددى جورج ئورۋېلنىڭ رومانىدىكىگە ئوخشاش بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. 
جورج ئورۋېل(George Orwell)نىڭ دىستوپىيەنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە يازغان «1984» ناملىق رومانىدىكى ئەھۋاللار بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش ۋە چەكلىمىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى1949- يىلى شەرقي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. شۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار زامانىۋىي شەھەر ھاياتىدا بارغانسېرى كەسىپلىشىشكە قاراپ ماڭدى.  
كۆزىتىش كامېرالىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر - بازارلىرى ۋە يېزا - قىشلاقلىرىنى قاپلىغان. رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ئىبادىتىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇش ۋە توسۇش ئۈچۈن خ ك پ كادىرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيىدە 15 كۈن مەجبۇرىي مېھمان بولدى. قۇرئانلارنىڭ 2012- يىلىدىن كېيىن خ ك پ نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ نەشىر قىلىنغانلىرىلا قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ. بۇلار پەقەت دۆلەت تېررورىزمىنىڭ ئازغىنە مىساللىرى خالاس.  
خ ك پ يىللاردىن بۇيان سىستېمىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك خەلق(ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىقلار)قە سانائەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئىمكانىيىتى بەرمىدى. خىتاينىڭ ئەڭ نامرات رايونلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن خىتايلار - نۇرغۇنلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك ئارخىپى بارلىقى مەلۇم - خىتاي ئاساسىي قانۇنىي بويىچە يەرلىك خەلقنىڭ ھەققى بولغان ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. 1990- يىللاردىن باشلانغان بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق سانائەت شەھەرلىرىدە خىتاي نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. ئانا تىل مائارىپىمۇ يەنە شۇ 90- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇنىڭ ئورنىنى خىتاي مائارىپى ئىگەللىدى ۋە ئۇيغۇر تىلى سائەتلىك دەرسكە ئايلىنىپ قالدى. دىنىي ئەركىنلىك ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ساقال قويۇش ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنىي ئىبادەت قىلىش مەنئىي قىلىندى.  
قەشقەر شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان «مۇھاپىزەت» گېزىتى مۇخبىرى توم فىلىپس رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ شەھەردە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەردىن ھاڭ - تاڭ قالدى. ھېيتگاھ جامەسى جۈمە كۈنى قۇلۇپلانغان، مۇئەززىننىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى. شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر پارتىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شۇنداقلا يېزا نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، خ ك پ بۇ جايلاردا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. يەنە كېلىپ،  ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئەكسىچە بۇ رايونلارنىڭ دۇنيا ئاخباراتىغا تېخىمۇ يىراق بولۇشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ باستۇرۇش ۋاستىلىرىنى خالىغانچە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. قەشقەردە خەلق ھەر كۈنى 12 مېتىرلىق ماۋزېدۇڭ ھەيكىلى ئالدىدا توپلىنىدۇ ۋە تەشۋىقات لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك خ ك پ شوئارلىرى بىلەن تولغان لوزۇنكىلاردا، «مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق ئاپەتتۇر» دەپ يېزىلغان. بۇ ۋەزىيەت، ئورۋېلنىڭ 1984 ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارغا «ئىككى مېنۇتلۇق نەپرەت» قىلمىشىنى ئەسلىتىدۇ.  
«مۇھاپىزەت» گېزىتى مۇخبىرى بۇ پائالىيەتكە ئاپرېلدا شاھىت بولغان. شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ يانفۇنلىرىدا ئەزان ئاۋازى ۋە ياكى دۇئانى ساقلىشىلا ئۇلارنىڭ جىھادچى ئاتىلىپ تۈرمىگە قامىلىشىغا سەۋەب بولالايدۇ. دىنىي ئالىملار تۈرمىلەرگە قامىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىشىغا ۋە ئەنئەنىۋى ھەنەفىي ئەقىدىلىرىنىڭ ئورنىغا سەلەفىيلىكنىڭ تارقىلىشىغا شارائىت يارىتىلدى. ھەر ئايدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا مىڭلىغان قوراللىق قىسىم بۇ رايونغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۈرۈمچى ۋە بارلىق شەھەرلەرنىڭ مەيدانلىرىدا قوراللىق قىسىملار بار. شەھەر ھاياتى ۋە قاتنىشى قەرەللىك ھالدا قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن تەكشۈرۈش باھانىسىدە توختىتىپ قويۇلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى مۇتلەق نازارەت ئاستىدا. يېقىندا مەزكۇر رايوندىكى مۇخبىرلاردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى - قەشقەر يولى ئۈستىدىكى ئاقسۇ شەھىرىدە تويۇقسىز مىڭ كىشىلىك ھەربىي ئاپتوموبىل پەيدا بولغان. پۈتكۈل شەھەردە ساقچى گۈدۈكى چېلىنغان. ئۇيغۇر خەلقى دائىم بۇ خىل دەھشەت ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە بىر دسىتوپىيە دۆلىتىدە ياشايدۇ.  
«مۇھاپىزەت» مۇخبىرى بۇ مەنزىرىنى «مۇتلەق ساقچى دۆلىتى (The perfect police state) دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەن خوڭكوڭ ۋە شاڭخەينىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان ھېلىھەم 1960- يىللاردىكى ماۋ تېررورىزمى ئاستىدا ياشايدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاللىبۇرۇن سىياسىي تارىخ كىتابلىرىدىن يەر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خىل تېررور ۋەھىمىسى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا دۇنيادىن ھېچقانچە ئىنكاس كەلمەيدۇ. تىبەتتە باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە زالىملىقى بىلەن تونۇلغان چېن چۈەنگە شەرقىي تۈركىستانغا باش بولۇپ تەيىنلەندى. چېن چۈەنگو كېلەر - كەلمەيلا بىكار تەلەتلەر ۋە سابىق جىنايەتچىلەردىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ، پۈتكۈل يېزا - قىشلاقلار ۋە شەھەرلەرگە قوراللىق قىسىم ئورۇنلاشتۇردى.  
بۇ ئىجرائاتلار شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئازاب - ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلماقتا. بولۇپمۇ، ئىشسىزلىق ۋە دىنىي چەكلىمىلەر رادىكالىزمغا يول ئاچماقتا. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قانۇنىي ۋاستىسى بولسا رادىكالىزمغا قارشى كۈرەش(ئىلگىرى رۇسىيە قوللانغان). خىتاي رادىكالىزم ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن باستۇرۇشلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئىتتىرمەكتە.  
مەنبە: «Timetürk» گېزىتى