ئامېرىكا: كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت خىتاي ۋە رۇسىيە

بەش بۈرجەلىك بىنا: كەلگۈسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنىڭ يادروسى خىتاي ۋە رۇسىيە

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنى بەش بۈرجەكلىك بىنا تۆت يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيە كىتابىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا يادرونىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن خىتاي ۋە رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۆزگەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس، ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، دېدى.  
19- يانۋار جۈمە كۈنى، بەش بۈرجەكلىك بىنا 11 بەتلىك دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا، بەش بۈرجەكلىك بىنا خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇشنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە ئىستراتېگىيىسىنىڭ يېڭى يادروسى قىلدى. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، يادرو ئىزچىل ئىسلامى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بېرىش بولغان.  
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس بۇ ھۆججەتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز بارغانسېرى خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن ھەمدە بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان رېۋىزىئونىزملىق كۈچنىڭ تەھدىتىگە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسى بىلەن بىردەك بولغان دۇنيا تەرتىپى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.» 

40186116_303
ھۆججەتتە «خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك قارارلىرى ئۈستىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ئەندىزىسى بىلەن بىردەك بولغان دۇنيا يارىتىش نىيىتى بارغانسېرى ئېنىق ئاشكارىلانماقتا.» دېيىلدى. 
مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنستىرى كولبى رۇسىيەنىڭ خىتايغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  
ئۇ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە 2014- يىلى ئۇكرائىنادىكى قىرىم ئارىلىنى يۇتۇۋالدى ھەمدە ئىتتىپاقدېشى ئاسادنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى. رۇسىيەنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى. بېيجىڭ ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە يۈكسىلىش ھالىتىدە. خىتاي ئاللىبۇرۇن چوڭقۇر قاتلاملىق ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى، بۇ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە تامامەن زىت.»  
خىتاي ۋە رۇسىيەدىن باشقا، شىمالىي كورىيەمۇ بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ دىققەت قىلىش نىشانى بولغان. ھۆججەتتە ئېيتىلىشىچە، پيوڭياڭ يادرو قورالىدىن باشقا بىئولوگىيەلىك قورال، خىمىيەلىك قورال ۋە ئادەتتىكى قوراللارغىمۇ ئىگە. 
ھۆججەتتە، دۆلەتلەردىن باشقا ئىسلامىي قوراللىق كۈچلەرنىڭمۇ داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.  
بۇ خىل مەركەزلىك ئۆزگىرىشنىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.