شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توك يەتكۈزۈش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشماقتا

2017- يىلى، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان توك مىقدارى 16 مىليارد كىلۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 104 پىرسەنت ئاشقان. 
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2017- يىلى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 43.5 مىليارد كىلوۋات سائەت توك سىرتقا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.99 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان توك مىقدارى 16.1 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان. كۆلەم ۋە نىسبەت جەھەتتە تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.  
خەۋەردە، «دۆلتىمىزدىكى يېڭى ئېنېرگىيە زاپىسى ئەڭ مول رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ "يېشىل ماتورلۇق" رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە» دېيىلگەن.  
ئىگىلىنىشىچە، 2010- يىلىدىن بۇيان، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇپ چىقىپ، قۇمۇل - جېڭجۇ 800 كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئۇزىتىش لىنيىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇغان، يىللىق توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 13 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلگەن.  

ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە باستۇرۇش تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقماقتا.