مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1936-يىلى ئاتۇشتا تونۇلغان دىنىي ئالىم سالىھ داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە مۇنتىزىم دىنىي تەربىيە ئالغان ۋە 11 ياش ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادقا ئېلىپ تۈگەتكەن. شۇنداقلا دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمدا ئەرەب، پارىس تىللىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن.
1949-يىلى ۋەتىنىمىز خىتاي كوممونىستىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن باشقا بارلىق ئالىم-ئۆلىما ۋە زىيالىيلار قاتارىدا مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئائىلىسىمۇ نۇرغۇن قېيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. بېراق ئۇستاز ھەر قانداق قېيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئالدىدىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان.

27067865_142584166548075_3285470238620365356_n
ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەر قاچان ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇمايتتى ۋە "پەدەر مېنىڭ ھەر تەرەپتىن كامىل بولۇپ يېتىلىشىمگە ئۆزى بىر قوللۇق يېتەكچىلىك قىلغان" دەيتتى.
ئۇستاز ئۆز يۇرتىدا پۇختا ئاساس سالغاندىن كېيىن ئەينى دەۋر شارائىتنىڭ تەقەززاسى بويىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان "جوڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتۇتى"دا ئوقۇشقا كىرگەن. شۇ چاغلاردا مەزكۇر ئېنىستىتۇتقا مىسىردىن بەھىييۇددىن زەيبانى، شەيخ ئابدۇللەتىپ ھامىد ... قاتارلىق ئىلغار ئىدىيە ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق پروفېسسورلار تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم پۇرسەتنى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپ، مەزكۇر پروفىسسورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە تەفسىر، ھەدىس، فىقھى، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەنگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئورگانغا تەۋە بولۇپ تۇرۇپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرمىسا تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلى​قىنى نەزەردە تۇتۇپ، "جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى «شىنجاڭ» شۆبىسى"نىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشقان. شۇنداقلا شۇ يەردىكى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بار كۈچى بىلەن ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ دىنىي تەتقىقات ساھەسىگە كىرىشىپ كەتكەن ۋە مۇقەددەس دەستۇرىمىز بولغان "قۇرئان كەرىم"نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چۈشىنىشلىك ۋە راۋان تەرجىمە قىلىپ چىققان. "قۇرئان كەرىم" تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئەينى دەۋردىكى ئاتاقلىق ئۆلىمالاردىن ئابدۇلھەكىم مەخدۇمھاجىم قاتارلىق 15 نەپەر مۆتىۋەر ئالىملار باشتىن – ئاخىرى كۆرۈپ چىققان ۋە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. مەزكۇر تەرجىمە نۇسخا 1986-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن 200 مىڭ تىراژدا بېسىپ تارقىتىلغان. شۇنداقلا سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن "فەھدى قۇرئان بېسىش مەتبەئەسى"دە بىر قانچە يۈز مىڭ پارچە بېسىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھەقسىز تارقىتىلغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ ساندا ئېلىپ كېرىلگەن ۋە قىسمەنلىرى تارقىتىلغان.

27066773_142583909881434_6313603874518964210_n
ئۇستازنىڭ "قۇرئان كەرىم"نىڭ تەرجىمىسىدىن باشقا يەنە "سەھىھۇلبۇخارىنى​ڭ شەرھىسى" "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى​ڭ تەرجىمىھالى" قاتارلىق مۆتىۋەر كىتابلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
مەرھۇم ئۇستاز "قۇرئان كەرىم" تەرجىمىسى، "قۇرئان كەرىم"نىڭ 29-30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى، "ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا ھەجىملىك لۇغەت"، "قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن تاللانما"، "ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ قامۇس"، "دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار"... قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا "نۇر ۋە قەلەم" ، "سەھىھۇلبۇخارىنى​ڭ تولۇق تەرجىمىسى"، "ئىھيائۇل ئۇلۇمۇددىن"، "ئۇيغۇرچە ئەرەبچە قامۇس"... قاتارلىق كىتابلارنى نەشىرگە تەييارلىغان بولسىمۇ، ۋەتىنىمىزدىكى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەقىبلەر ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان.

Adsıdsfdsfz
2013-يىللىرى ئۆپچۈرىسىدە ئۇستازىمىز ئۆزىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ، شۇنداقلا باشقا يەنە بىر تۈركۈم مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەرەبچە شېئىرلىرىنى بىر دىۋان قىلىپ توپلاپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدىك​ى ئىجتىھادلىق بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مىسىردىكى "دارۇلبەسائىر نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇستاز ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي كۈندۈزنى كېچكىگە ئۇلاپ تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىلمىي پائالىيەتلىرى بەزىدە 15 سائەتتىن ئارتۇق بولاتتى. تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاددىي-ساددا، مۇئامىلىدە كىچىك پىئىل ئىدى.

27067214_142584213214737_9171914254399266681_n
ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 2018-يىلى 1-25-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە شېھىت قىلىندى. ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەتتىن ئالىي ماقام ئاتا قىلغاي.